شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك

2021.11.30 09:17 مەنبە: خەلق تورى

  11- ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بارلىق يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  ■ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولۇشتا. ئىختىساسلىقلار ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەربىي ئىشلار رىقابىتىدە ۋە كەلگۈسى ئۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلىپ، ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەت ئارمىيەلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ■ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي خادىملارنىڭ ئىقتىدار ساپاسى، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش - باشقۇرۇش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەربىي خادىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، جەزمەن ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش، جەزمەن دۇنيا ھەربىي ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈزلىنىش، جەزمەن ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىش، جەزمەن ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقى سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەزمەن ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  ■ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، مۇلازىمەت قىلىش، قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلاننى ئۇدۇللاشتۇرۇش، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، خىزمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەمىز ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ■ سىياسىي ئۆلچەم ئارمىيەمىز ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلچىمى، سىياسىي تەلەپ ئارمىيەمىز ئىختىساسلىقلىرىغا قويۇلىدىغان ئەڭ تۈپ تەلەپ. سىياسىي ئۆتكەلنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەش ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېتىشتۈرگەن ۋە ئىشلەتكەن ئىختىساسلىقلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن مۇتلەق ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ئاچقۇچ ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولۇشتا. ئىختىساسلىقلار ئارمىيەمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەربىي ئىشلار رىقابىتىدە ۋە كەلگۈسى ئۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئارمىيەمىزنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلىپ، ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەت ئارمىيەلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىغىن ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۇنيا مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىش تەكىتلەندى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، جەڭ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي خادىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقى سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار ساھەسىنى ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە ھەربىي ئىشلار ئىنقىلابى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ، ئارمىيەمىز دەل دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئاتلانماقتا، پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، چىڭ تۇتۇپ ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدىكى يېتەكچىلىك ۋە تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي خادىملارنىڭ ئىقتىدار ساپاسى، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش - باشقۇرۇش بويىچە ئومۇميۈزلۈك تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەربىي خادىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم، زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، جەزمەن ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇشنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىش، جەزمەن دۇنيا ھەربىي ئىشلىرىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈزلىنىش، جەزمەن ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىش، جەزمەن ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقى سىياسەت - تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەزمەن ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، مۇلازىمەت قىلىش، قوللاش، رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىشلار ئېھتىياجى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلاننى ئۇدۇللاشتۇرۇش، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، خىزمەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيەمىز ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي ئۆلچەم ئارمىيەمىز ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلچىمى، سىياسىي تەلەپ ئارمىيەمىز ئىختىساسلىقلىرىغا قويۇلىدىغان ئەڭ تۈپ تەلەپ. سىياسىي ئۆتكەلنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەش ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېتىشتۈرگەن ۋە ئىشلەتكەن ئىختىساسلىقلارنىڭ سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن مۇتلەق ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش يولىدا ياخشى مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەدە يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل شەكىلنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىز خاسلىقىغا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش ئىختىساسلىقلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زور كۈچ سەرپ قىلىپ پەن - تېخنىكا ساپاسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئەمەلىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەربىي مەكتەپلەرنى قۇرۇش، دۇنيادىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەمەلىيەت ئارقىلىق چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى قايناق ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتىدە بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈش، كۆپ ئىشلارنى كۆرۈش، تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، جانلىق ئىشلىتىپ، ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقىنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەپلەپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئەڭ ياخشى سەپلىنىشىگە، ئەڭ زور ئۈنۈم ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشمە جەڭگە قوماندانلىق قىلىش ئىختىساسلىقلىرى، يېڭىچە جەڭ قىلىش كۈچلىرى ئىختىساسلىقلىرى، يۇقىرى قاتلاملىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، جۈنشى ۋە مۈلكىي خادىملارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى، تەلىپىنى ئىگىلەپ، باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپلەشكەن، ئىنچىكىلەشكەن، ئىلمىيلەشكەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەربىي ئادەم كۈچى بايلىقى سىياسەت - تۈزۈم سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت - تۈزۈملەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدە ئىختىساسلىقلارغا ئىشىنىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قوللايدىغان، ئىختىساسلىقلارغا كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، كەڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىي كومىتېت ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردا كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ئېڭى بولۇشى، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلارنى بايقاشقا ماھىرلاردىن بولۇشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارمىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردە ئارمىيەمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن يىغىنغا قاتناشتى. ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيەنىڭ قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە داشۆسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكا داشۆسى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ