مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو - رۇسىيە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.11.29 12:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو - رۇسىيە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2020 - يىلى 8 - ئايدا جۇڭگو - رۇسىيە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى باشلانغاندا، مەن ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ، زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەنىدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، 1000 تۈردىن ئارتۇق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، يادرو ئېنېرگىيەسى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولدى، جۇڭگو - رۇسىيە بىرلەشمە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فوندى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوزغىتىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى پارلاق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - رۇسىيە ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەت بولۇپ، بۈگۈنكى خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي سەھنىدە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرماقتا. ئىككى تەرەپ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، رۇسىيە - جۇڭگو پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى رامكىسىدا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن تەسىرلەرنى يېڭىپ، 1000 تۈردىن ئارتۇق پەن تەتقىقات پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېغىر ئىيون ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچ (NICA) چوڭ ئىلىم - پەن قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشى، ئىككى تەرەپنىڭ رۇسىيە - جۇڭگو ماتېماتىكا مەركىزى قۇرۇشى قاتارلىقلار بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، رۇسىيە - جۇڭگو ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  جۇڭگو - رۇسىيە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى شۇ كۈنى يېپىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ