مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» سەپسەتىسىگە رەددىيە بېرىش مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

گۈزەل تۇرمۇش ئارقىلىق يامان غەرەزلىك كىشىلەرنى كاچاتلايمىز!

2021.11.30 22:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» سەپسەتىسىگە رەددىيە بېرىش مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇتەخەسسىس، ئالىملار، ئالاقىدار جەمئىيەت مەسئۇللىرى ۋە پاختىچىلىق كەسىپكارلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، ئامېرىكا، غەربنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» سەپسەتىلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىلدى.

  «بىز ئۆزىمىزنىڭ يېرىنى تېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى تاپساق، نەدىن كەلگەن ‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش›كەن؟» يەكەن ناھىيەلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان سۆز قىلغاندا سەل ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىمىز، گۈزەل، خاتىرجەملىك ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ يۈزىگە قاتتىق كاچاتلايمىز!»

  ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرىدىكى پاختىكار تۇنىياز ياسىن كېۋەز تېرىش ئارقىلىق 140 كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يەنە بىر يۈرۈش بىنا ئۆي، بىر پىكاپ سېتىۋالدى ھەم يىغقان پۇلىغا 350 تۇياق قوي سېتىۋالدى. «بىز بېيىدۇق، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۆھەر زېمىننىڭ شىنجاڭ پاختىسىنى يېتىشتۈرگەنلىكىگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.» تۇنىياز مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئاپئاق پاختىسى ئامېرىكا، غەربنىڭ جۇڭگوغا قارشى كۈچلىرىنىڭ يۇندا چېچىشى بىلەن مەينەتلىشىپ كەتمەيدۇ.

  «كەنتتىكى بىللە ئوينايدىغان دوستلارنىڭ ھەممىسى ماڭا بەك ھەۋەس قىلىدۇ.» ئاقتۇ ناھىيەسىدىن مەمەترېھىم نەسىردىن ئىلگىرى سىشى شەھىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئۆگەنگەن تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت قۇراشتۇرۇش شىركىتى قۇرۇپ، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى. مەمەترېھىم مۇنداق دېدى: جېجياڭدا خىزمەت قىلغاندا چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئەجەبا ئۇلارمۇ مەجبۇرلانغانمىدۇ؟

  ئەنۋەر ئازات كۆپ يىل سېھىرگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى قۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بۈگۈنكى مېنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ