مۇخبىرنىڭ يېقىندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكى سانائەت، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقتىكىدىن 6.9 ۋە 5.5 پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 3 - ئايدا كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشقان.
ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى پۇختا قەدەمدە ئېشىپ، ئېكسپورت قايتا ئۆرلىدى. بىرىنچى پەسىلدە، يانفون مەھسۇلات مىقدارى 374 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.6 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون مەھسۇلات مىقدارى 276 مىليون بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 16.7% 16.7 ئاشقان؛ مىكرو كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 74 مىليون 40 مىڭ؛ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى مەھسۇلات مىقدارى 98 مىليارد 100 مىليون دانە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشقان. 1-پەسىلدە، ئېلىمىز 32 مىليون 320 مىڭ خاتىرە كومپيۇتېر ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشقان؛ ئېكسپورت قىلىنغان يان تېلېفون 181 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.3 ئاشقان؛ ئېكسپورت قىلىنغان توپلاشتۇرۇلغان توك يولى 62 مىليارد 400 مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3 ئاشتى.
ئۈنۈمى سىجىل ياخشىلاندى. 1-پەسىلدە، كۆلەمدىن يۇقىرى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 3 تىرىليون 440 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.7 ئاشتى؛ ئىشقا ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %82.5 ئاشتى؛ تىجارەت كىرىمىنىڭ پايدا نىسبىتى % 2.9 بولۇپ، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنتى ئاشقان. سېلىنما بىرقەدەر يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى. 1-پەسىلدە، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقىنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 14.3 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى سانائەت، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىققا سېلىشتۇرغاندا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.9 ۋە 3.5 پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى بولدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ