مۇھىم خەۋەرلەر

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى توپلىغان پىكىر: توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلىدىغان زەرەتلىگۈچ ئىشلىتىش مەنئىي قىلىنىدۇ

2024.04.26 14:52 مەنبە: خەلق تورى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان زەرەتلىگۈچ ئىشلىتىش بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپى» مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ 1-نومۇرلۇق تۈزىتىش كىرگۈزۈش نۇسخىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) توغرىسىدىكى پىكىرنى ئاشكارا توپلىغان. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى مەزگىلدە ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان زەرەتلىگۈچنىڭ كۆپلەپ پەيدا بولۇپ توكلۇق ۋېلسىپىتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان زەرەتلىگۈچنى مەنئى قىلىش ھەمدە مەڭگۈلۈك بەلگە مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى ئېيتىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ھۆججەتنى تەييارلاش جەريانىدا، ئاساسلىق تەييارلىغۇچى ئورۇن ۋە ئاساسلىق تەييارلىغۇچىلار مۇھاكىمىگە تەكلىپ قىلىنغان. بۇ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئالاقىدار سىياسەت، تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق مەڭگۈلۈك بەلگىنى كۆپەيتىپ، ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان زەرەتلىگۈچنى ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ، بۇنىڭدا زور ئىختىلاپ يوق. ھۆججەتنى يولغا قويۇش ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى ئالتە ئاي قىلىپ بېكىتىش تەكلىپى بېرىلدى. يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق مەڭگۈلۈك بەلگىنى كۆپەيتىش سەۋەبىدىن، كارخانا لايىھەنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارغا بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، ھۆججەت ئېلان قىلىش ۋاقتىدىن يولغا قويۇش ۋاقتىغىچە بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئالتە ئاي قىلىپ بېكىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى ۋە چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ ھۆججەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ