مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گوچىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

رايون جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كەلكۈن ئاپىتى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك

2024.04.26 09:02 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ يېقىندا خۇبېيدا رايون جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونلار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور تەبىئىي ئاپەتلەردە جىددىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، كەلكۈن مەزگىلىدە دەريا، كۆل، سۇ ئامبارلىرىنىڭ تىنچلىقىغا، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ۋۇخەن شەھىرىدە، جاڭ گوچىڭ دۆلەت ئوتتۇرا جۇڭگو رايونى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە كېلىپ، رايون جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ ئومۇمىي پىلانى، قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: رايون جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەركىزى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى. رايون خاراكتېرلىك ئاپەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش، نۆۋەتچىلىك قىلىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇش، ئامبار قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا كېرەكلىك خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى، قۇتقۇزۇش كېمىسى، سۇ چىقىرىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. دىققەتنى ئاپەت يۈزبەرگەندە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش نىشانىنى قانات يايدۇرۇش ۋە قۇتقۇزۇشتىكى «زەربىدار»، «مۇشت» كۈچ ئورنىنى بېكىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سەرخىل قوشۇننى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي جەڭ مەشىقى مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، يېقىن ئەتراپتىن يۆتكەش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، كەسپىي قۇتقۇزۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق باش ئىشتابى ۋە ئاپەت رايونىدىكى پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي خاراكتېرلىك رايون جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قوماندانلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جىڭجۇ شەھىرىدە، جاڭ گوچىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جىڭجياڭ دەرياسى توسمىسى گۇەنيىنجى، جىڭجياڭ كەلكۈن بۆلۈش قۇرۇلۇشى شىمالىي توسما تۈگۈنى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا كەلكۈن بۆلۈش قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈن قاچىلاش رايونى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، جىڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ۋادى خاراكتېرلىك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا. كەلكۈندىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى پۇختا، چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ، مەسىلە بايقالغان ھامان سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىپ، مۇھىم توسمىلارنىڭ يار ئېلىپ كېتىشى ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كەلكۈن ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەتچان كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىش بىلەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇشتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، دەريا كەلكۈنى، قىيان، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، شەھەر-يېزىلاردىكى ھۆلچىلىك ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاممىنى خەتەردىن ساقلىنىشقا ۋاقتىدا تەشكىللەپ، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ۋادىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنى، ئوڭ-سول قىرغىقى، غول-تارماق ئېقىنلىرى، ئۆلكىلەر ئارا بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىن پايدىلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ئورۇنلارغا خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈچى، جابدۇق ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپ ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ