مۇھىم خەۋەرلەر

ئوخشاش بىر ئورۇندا ئۇدا خىزمەت قىلغان ۋاقتى 12 ئايغا توشقاندا ئاندىن يىللىق دەم ئېلىشنى ئالغىلى بولامدۇ؟

2024.04.24 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  «ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 1-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى: ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، پۇقراۋى غەيرىي كارخانا ئورۇنلىرى، ئىشچى ياللايدىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولسا، مائاشلىق يىللىق ئارام ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش چارىسى»دە، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئۇدا 12 ئايدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىرى مائاشلىق يىللىق ئارام ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «< كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى يولغا قويۇش چارىسى > دىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب» (ئادەم كۈچى بايلىقى-ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى [ 2009 ] 149-نومۇرلۇق)تا مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرغان: «ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇدا 12 ئايدىن ئارتۇق ئىشلەش» ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوخشاش بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئۇدا 12 ئايدىن يۇقىرى خىزمەت قىلغان ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئۇدا 12 ئايدىن ئارتۇق ئىشلىگەن ئەھۋالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، پۇقراۋى غەيرىي كارخانا ئورۇنلىرى، ئىشچى ياللايدىغان يەككە سودا-سانائەتچى قاتارلىق ئورۇنلاردا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلنى، شۇنىڭدەك قانۇن بويىچە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە خىزمەت ئىستاژى دەپ ھېسابلاشقا بولىدىغان باشقا مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (خىزمەت مەزگىلى دەپ قارىلىدۇ). ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ۋاقتى ئارخىپ خاتىرىسى، ئورۇننىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش خاتىرىسى، ئەمگەك توختامى ياكى قانۇن كۈچىگە ئىگە باشقا ئىسپات ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن بېكىتىلسە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ