مۇھىم خەۋەرلەر

شەكىلۋازلىقنى تۈزەش |چېقىۋېتىپ قايتا سالىدىغان، قايتا سېلىپ يەنە چېقىۋېتىدىغان قالايمىقانچىلىقلارنى بېسىقتۇرۇش كېرەك!

2024.04.24 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىر يېقىندا زىيارەت جەريانىدا ئايرىش بەلبېغىدىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولسىمۇ، قايتا تېرىش؛ كۆكەرتىش دەل-دەرەخلىرى بۈك-باراقسان ئۆسكەن بولسىمۇ، قايتا تىكىش؛ پىيادىلەر يولىنىڭ ئىشلىتىلىشى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن قايتا ياساش ... بەزى جايلار ئارىلاپ-ئارىلاپ چېقىپ قايتا سېلىش، قايتا سېلىپ يەنە چېقىش ئەھۋاللىرىنىڭ قايتا-قايتا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە ئاڭلىدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان بۇ يىل 2-ئايدا مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش، ساختا قىلىش قىلمىشلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن، شۇ ئايدا جەمئىي 2339 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇ شۇ ئايدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %86.3 ىنى ئىگىلىگەن.

  شەھەر كۆكەرتىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى قالايمىقان ئىشلارغا قارىتا، بەزىلەر «كۆپ مىقداردىكى مەبلەغنى كىم نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؟» دەپ گۇمانلانسا، بەزىلەر «ئىش بىنورمال بولسا چوقۇم ھىيلە-مىكىر بولىدۇ!» دەپ دېيىشمەكتە.

  بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىپ، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال «ئابرۇي قۇرۇلۇشى»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»غا بېرىلىپ كەتكەن. يەنە بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پىكىر يولى ئېنىق بولمىغان، تەدبىر بەلگىلىشى ئىلمىي بولمىغان، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىمىگەن، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ھۆرمەت قىلمىغان، قالايمىقان پۇل خەجلەپ بايلىقنى ئىسراپ قىلغان، خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلار «قىلىدىغاننى قىلىش» نىقابى بىلەن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، نۇرغۇن مەبلەغ كېتىدىغان قۇرۇلۇشلاردا چىرىكلەشكەن.

  قالايمىقان ئىش قىلىشنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن بىرىنچىدىن، رەھبىرىي كادىرلاردا توغرا نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا «خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى جىقراق قىلىش، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى چوقۇم قىلىش»نى ھەقىقىي بىلدۈرۈش، نېمە ئۈچۈن قىلىش، كىم ئۈچۈن قىلىش كېرەكلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلىتىش؛ قايسى ئىشلارنى قىلىشقا بولىدىغانلىقى، قايسى ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىش ھەمدە قانداق قىلىشنى بىلدۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تۈزۈم قەپىسىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، ناچار ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىنى تۈگىتىشتە تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا قانۇن-تۈزۈمگە تايىنىش كېرەك؛ يەنە قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تۈزۈش ھەمدە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، مالىيەسى ئەسلىدىنلا باياشات بولمىغان بەزى جايلار ئامال قىلىپ «ھەميان»نى مەھكەم ئېسىپ ھەربىر پۇڭ پۇلنى دەل جايىغا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  قالايمىقان ئىش قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنە ئاممىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى تولۇق ئاڭلاپ، پۇقرالارنىڭ ئالقىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەل رايىغا ياقىدىغان ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ