مۇھىم خەۋەرلەر

3 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلدى!

2024.04.24 15:48 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 22-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە، مەركەز مالىيەسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈشنى قوللىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەركەز مالىيەسى ياسىمىچىلىق ساھەسىگە مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا، ئاچقۇچلۇق كەسىپلەردە «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش»، «ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش»نى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك «مەخسۇس، ئىنچىكە، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويغان؛ ياسىمىچىلىقنىڭ يېڭىچە تېخنىكا ئۆزگەرتىش شەھەرلىرىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، 2024-يىلى 3 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى 20 سىناق نۇقتا شەھىرىنىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزگەرتىش، ساننى ئۆزگەرتىش، تورنى بىرلەشتۈرۈش»نى قوللاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، ئەقلىيلەشتۈرۈش، يېشىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ دۇڭۋېي: 2023-يىلى بىز 3 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 30 شەھەرنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىش شەھەرلىرى سىنىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايمىز. بۇ يىل يەنە 3 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىمىز.

  ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش جەھەتتە، مالىيە-باج سىياسىتى بىرىكمە گۇمپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىمىز. يېقىندا، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ناھىيە دائىرىسىدە توك تولۇقلاش، توك ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش خىزمىتىنى يولغا قويىدۇ، بۇ يىل 24 ئۆلكىدىكى 70 ئەتراپىدا نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيەنى قوللاپ، يېزىلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل مالىيە مىنىستىرلىقى يەنە زايومنى كۆپەيتىپ تارقىتىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومى، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى مەبلىغى قاتارلىق سىياسەت قوراللىرىدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق ساھە، چوڭ-چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ