مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى توغرىسىدىكى زور تەدبىر بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

2024.04.24 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ «ئاجرىشىپ كەتكەنلەرگە ئۈچ يىل ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتى» بۇ يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى رەسمىي بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ شەھىرى يەنە بىر قېتىم ئۆي قەرزى يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى بېيجىڭ شەھەرلىك شۆبە بانكىسى، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بېيجىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «شەھىرىمىزنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئىچىدىكى تۇرالغۇ ئۆي سانىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتىكى ئۆي-زېمىن بازىرى ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق تۇرالغۇ ئۆي ئېھتىياجى ۋە كۆپ خىللاشقان ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قوللاش ئۈچۈن، ھازىر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ قەرزىدە تۇرالغۇ ئۆي سانىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى: 2024-يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن كېيىن ئۆي سېتىۋېلىش تور توختامى ئىمزالىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاجراشقىنىغا بىر يىل توشمىغان ئۆي قەرزى ئىلتىماس قىلغۇچى ئەگەر ئائىلە نامىدا مەزكۇر شەھەردە يۈرۈشلۈك ئۆي بولمىسا، تۇنجى يۈرۈش ئۆي كىرېدىت سىياسىتى ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەرقايسى بانكىلار ئۆز ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى، مۇئامىلىدارلارنىڭ خەۋپ-خەتەر ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قېتىملىق قەرز پۇلنىڭ ئالدىن تاپشۇرىدىغان كونكرېت نىسبىتى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئاجراشقىنىغا بىر يىل توشمىغان ھەمدە نامىدا ئۆيى يوق ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تۇنجى يۈرۈش ئۆينىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى ئىجرا قىلسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ