مۇھىم خەۋەرلەر

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى: ئون يىلدىن بۇيان «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» ئارقىلىق 49 مىليارد يۈەنگە يېقىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىندى

2024.04.24 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ 23-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2014-يىلىدىن بۇيان گۇڭئەن مىنىستىرلىقى ئۇدا ئون يىل پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنى «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلغان. ئون يىلدىن بۇيانقى «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»دە 49 مىليارد يۈەنگە يېقىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنگەن.

  گۇڭئەن مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرىنى چېگرا سىرتىغا قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش بويىچە «تۈلكە ئوۋلاش 2024» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  «تۈلكە ئوۋلاش 2024» مەخسۇس ھەرىكىتى مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە چېگرا ھالقىغان چىرىكلىكنى تۈزەش خىزمىتى ئىشخانىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرغان «ئاسمان تورى 2024» ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. گۇڭئەن ئورگانلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، قاچقۇنلارنى تۇتۇپ، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش نۇقتىلىق دېلولىرىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قاچقۇنلارنى تۇتۇپ، زاڭ مالنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ.

  گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «تۈلكە ئوۋلاش 2024» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈگىتىش جېڭى قاتارلىق مەركىزىي خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەركەز قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمىدە، 2014-يىلىدىن بۇيان «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» 120 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا قېچىپ يۈرگەن 9000 دىن ئارتۇق ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، 49 مىليارد يۈەنگە يېقىن زاڭ مالنى قايتۇرۇۋالغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ