مۇھىم خەۋەرلەر

تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى قانداق ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2024.04.17 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەردىن ئىبارەت بۇ جان تومۇرنى چىڭ ساقلاش كېرەك». بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، «تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، نازارەتچىلىك مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جۇخۇي: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قانۇن-تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئايرىپ، ئىشلىتىش ئورنىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىدا <ئۇدا ئۈچ يىل ئېشىش> ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىياسىتى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش زىيىنىنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ساقلاشتا تەڭداشسىز رول ئوينىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلىتىمىزدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، تېرىلغۇ يەر سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن يۇقىرى ئەمەس، تېرىلغۇ يەر زاپاس بايلىقى يېتەرسىز ئىكەن. نۆۋەتتە، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن قوغداش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە بېسىم يەنىلا گەۋدىلىك، تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىنى ئازايتىشتىن كۆپەيتىشكە ئۆزگەرتىش ئاساسى تېخى پۇختا ئەمەس، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا تۈرلۈك قۇرۇلۇش ۋە يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش ئېھتىياجى يەنىلا ناھايىتى زور، بەزى جايلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى جايىدا بولمايۋاتىدۇ، ھەتتا يولدىن چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. ياڭ جۇخۇي: «تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە تېرىلغۇ يەرنى قوغداشتا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىستېمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دېدى.

  مەركەزنىڭ بۇ يىللىق 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە «تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، «تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش» توغرىسىدا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دىققەتنى تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ يىل تۈزۈمنى نۇقتىلىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «دۆلەت ئومۇمىي مىقدارنى باشقۇرىدىغان، ئۆلكە دەرىجىلىك ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان» تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش يېڭى مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ.

  تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ: تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش دائىرىسىنى تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇش، ئورمان بىنا قىلىش، كۆچەت تىكىش، مېۋە-چېۋە، چاي تېرىش قاتارلىق تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىش قىلمىشلىرىنى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە بىرتۇتاش كىرگۈزۈپ، «ئاز ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاش»نى «كۆپ ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاش»قا ئۆزگەرتىدۇ؛ شورلۇق يەر قاتارلىق پايدىلانمىغان يەر، تۆۋەن ئۈنۈملۈك بىكار تۇرغان قۇرۇلۇش يېرى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەر قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان باغ، ئورمان يېرى، ئوتلاق قاتارلىق باشقا يېزا ئىگىلىك يېرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش مەنبەسى قىلىدۇ. «تولۇقلاشقا قاراپ ئىگىلەشنى بېكىتىش»تە چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۆلكە دائىرىسىدە مۇقىم پايدىلىنىدىغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ساپ ئېشىش مىقدارىنى كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشتا ئىگىلەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ يۇقىرى چېكى قىلىدۇ؛ تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش تولۇقلىمىسى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش خىراجىتىنى ئاساسلىقى تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپەت قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، ئالاقىدار سۇبيېكتلارنىڭ تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ئاكتىپلىقىنى قوزغايدۇ. تولۇقلانغان تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، تولۇقلانغان تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تولۇقلانغان تېرىلغۇ يەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەتكە بولغان قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىدۇ.

  ياڭ جۇخۇي مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى 1 مىليارد 800 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى داۋاملىق چىڭ ساقلاشنى نىشان قىلىپ، سان بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، مەڭگۈ پايدىلىنىش قاتارلىق مۇھىم تەلەپلەرنى گەۋدىلىك ياخشى ئىگىلەپ، «ئومۇمىي مىقدارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يېڭىدىن كۆپىيىشنى قاتتىق كونترول قىلىش، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، تېرىلغۇ يەرنى تۈزەش سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇ يەرنى تۈزەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ