مۇھىم خەۋەرلەر

بۈگۈندىن باشلاپ ئۆستۈرۈلىدۇ

2024.04.16 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  «شاڭخەي ئالتۇن سودا بازىرىنىڭ خەۋپ-خەتەرنى تىزگىنلەش ۋە باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ شاڭخەي ئالتۇن سودا بازىرى ئالتۇن كاپالەت پۇل نىسبىتى ۋە ئۆرلەش-تۆۋەنلەش نىسبىتىگە قويۇلىدىغان چەكلىمىنى ئۆستۈردى. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كاپالەت پۇلى نىسبىتى% 8 تىن % 9 كە تەڭشەلدى؛ ئۆرلەش ۋە چۈشۈش چەكلىمىسى % 7 تىن % 8 كە تەڭشەلدى.

  ئالىي دەرىجىلىك ئالتۇن تەھلىلچىسى لى ياڭ مۇنداق دېدى: سودا كاپالەت پۇلىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بازار خەۋپ-خەتىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ئالتۇن باھاسى ئۆرلىگەن ئەھۋالدا، بازارنىڭ داۋالغۇشى كۈچىيىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سودا ھەرىكىتى تېخىمۇ جانلىنىدۇ. كاپالەت پۇلىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بىرژادا ئەزالار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان زىيادە سودىدىكى ھايانكەشلىك قىلمىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق بازارنىڭ ئومۇمىي سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارادا ئالتۇننىڭ باھاسى يىل بېشىدىن 4-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە % 13.5 ئۆسكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ