مۇھىم خەۋەرلەر

بىر جۇڭگو پۇقراسى سىدنېيدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىدى

جۇڭگو تەرەپ: تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلمىز

2024.04.16 13:54 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا سىدنېيدىكى بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە سىدنېيدا ئوقۇۋاتقان بىر جۇڭگولۇق ئايالنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  لىن جيەن: 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېيدىكى بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە پىچاق كۆتۈرۈپ قاتىللىق قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلارنىڭ دەرھال كونسۇل قوغداش جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە ۋەقەدە بىر جۇڭگو پۇقراسى ئۆلگەن، بىر جۇڭگو پۇقراسى يارىلانغان. ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلار ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ يارىدارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇشىنى، ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە بېرىپ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن پائال ياردەم بېرىشىنى، تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ