مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا دەل ئەڭ چوڭ تور ھۇجۇمى مەنبەسى

2024.04.16 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 15-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو دۆلەتلىك كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى 360 شىركەت بىلەن بىرلىكتە «< ۋولت تەيفېڭ بورىنى > − ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتى ۋە باج تاپشۇرغۇچىلارغا قارىتىلغان تىل بىرىكتۈرۈپ ئالدامچىلىق قىلىش ھەرىكىتى» دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار دوكلاتقا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  لىن جيەن مۇنداق بىلدۈردى: تۈرلۈك ئالامەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئاپپاراتلىرى، تور بىخەتەرلىكى كارخانىلىرى دۆلەت پارلامېنتىنىڭ خامچوت ئاجراتمىسى، ھۆكۈمەت توختامىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، تىل بىرىكتۈرۈپ ئاتالمىش دەلىل-ئىسپاتلارنى قۇراشتۇرۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قىلىشنى قوللىغانلىقى توغرىسىدىكى ساختا ئۇچۇرنى تارقاتقان.

  لىن جيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ھەممىگە ئايانكى، ئامېرىكا دەل ئەڭ چوڭ تور ھۇجۇمى مەنبەسى، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت سالىدىغان جاي، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر «ئوغرى ئوغرىنى تۇتۇڭلار دەپ توۋلاپ»، تور ھۇجۇمى، مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈشنى جۇڭگونى بېسىشنىڭ قورالى قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى جۇڭگوغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىنى دەرھال توختىتىشقا، جۇڭگوغا بوھتان چاپلاش، قارا چاپلاشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ