مۇھىم خەۋەرلەر

مۇتەخەسسىسلەر: مۇۋاپىق ياشتا ئۆيلىنىش ۋە پەرزەنت كۆرۈشتە كۆپ خىل ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

2024.04.16 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى يېقىندا بېيجىڭدا«مۇۋاپىق ياشتا ئۆيلىنىش، تۇغۇت ۋە ئاياللار ساغلاملىقى مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچتى. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇۋاپىق ياشتا ئۆيلىنىش ۋە پەرزەنت كۆرۈش كۆپ خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  ئوقۇش يېشىدىكى ئۆيلىنىش ۋە پەرزەنت كۆرۈشنىڭ ئاياللار ساغلاملىقىغا بولغان مۇھىملىقى تىلغا ئېلىنغاندا، بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى، ئاياللار تۇغۇت بۆلۈمى ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەنليۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھامىلىدارلىق ۋە كۆپ ھامىلىدار بولۇش تۇخۇمدان راكى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى راكىنى قوغدايدىغان ئامىل. ئوقۇش يېشىدا ئۆيلىنىش ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، مەسىلەن، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى ۋە تۇخۇمدان راكى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى، بالىياتقۇ بەز مۇسكۇلى كېسىلىنىمۇ ھامىلىدارلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى كېچىكتۈرگىلى، ھەتتا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

  دۆلەت راك كېسىلى مەركىزى/جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى تىزىملاش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بېيجىڭ شيېخې تېببىي شۆيۈەنىنىڭ دوكتور يېتەكچىسى زېڭ خۇڭمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى 890 مىڭ ئادەمنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇغۇت سۈت بېزى راكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  تۇغۇش بولۇپمۇ ئۆزى تۇغۇش ئاياللارنىڭ داس تۈۋى ئىقتىدارىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ۋاڭ جيەنليۇ بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: ئەگەر داس تۈۋى ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولمىسا، تۇغۇتتىن كېيىن داس تۈۋى ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلسا بولىدۇ، كەڭ ئايال دوستلار بۇنىڭدىن زىيادە ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. زېڭ خۇڭمېيمۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن يېتەرلىك ئۇخلىشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلىشىنى ئەسكەرتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ