مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پىكىر ئېلان قىلدى: ئاجرىشىش دېلولىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرگە غەمخورلۇق قىلىش ئەسكەرتىلىدۇ

2024.04.16 13:49 مەنبە: خەلق تورى

  بۈگۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرگە چېتىلىدىغان ئاجرىشىش دېلولىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غەمخورلۇق قىلىش ئەسكەرتمىسى» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئالدىغا سۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلارنى ئۆيلىنىش ئەركىنلىكى بىلەن ئائىلە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مەنىۋى ۋە ماددىي ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلارنى مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تولۇق قوغداپ، تويدىن ئاجرىشىش دېلولىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، بېقىش، يوقلاش، مال-مۈلۈك قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش «پىكىر»نىڭ ئاساسلىق نىشان ۋەزىپىسى. «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خىزمەت جەريانىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە سەل قاراش، ھەتتا زىيان يەتكۈزۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەڭ زور چەكتە ساقلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك پاسسىپ ئامىللارنى تۈگىتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى، ئىناق، مەدەنىي ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ