مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى: بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىشى قاتارلىق «بىر ئىش»نى بىرلەشتۈرۈپ بېجىرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2024.04.16 13:48 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئۈندىدار سالونىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاپرېلدىن 9-ئاپرېلغىچە، مەملىكەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش خىزمىتى يىغىنى خېنەن جېڭجوۋدا ئېچىلغان. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: مەملىكەت بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش سىستېمىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش»نى تۇتقا قىلىپ، بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پېنسىيەگە چىقىشى قاتارلىق «بىر ئىش»نى بىرلەشتۈرۈپ بېجىرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقا جايدا داۋالىنىش ھەققىنى راسچوت قىلىش مۇلازىمىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، بېجىرىشنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك تەشۋىق قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىشتىكى جىددىي، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كېلىشىمىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭىشىش، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ فوند بىخەتەرلىكى ئېڭى تۇرغۇزۇپ، فوندنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خامچوت، راسچوت ۋە ھېسابات قاتارلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، فوندنى ئالدىن تۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىچكى تىزگىنلەشنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بېجىرىش سىستېمىسىنىڭ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ