مۇھىم خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم

2024.04.16 13:46 مەنبە: خەلق تورى

  جياڭسۇ سۇجوۋ شەھىرى ۋۇجياڭ رايونى شېڭزې بازارلىق مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت زالىدا، ئىلتىماس قىلغۇچى «رايون ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش. بۇلۇت ئۇنىۋېرسال كۆزنىكى» ئاپتوماتىك تېرمىنالى ئارقىلىق، بېسىپلا يىراق مۇساپىلىك مۇلازىمەت قىلىپ، ئاتا-ئانىسى تۇرۇشلۇق جېجياڭ ۋېنجوۋ شەھىرى يۇڭجيا ناھىيەلىك مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىگە بىۋاسىتە ئۇلاپ، باشقا جايدا ئۇزاق مۇددەت ئولتۇراقلاشقانلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىشلىرىنى ناھايىتى تېزلا بېجىرىپ بولدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، تېخنىكا كۈچ قوشۇش ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنىڭ «كۆپ تەرەپكە قاترىشى»، «يېنىشلاپ قاترىشى» ھاجەتسىز بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەم زامانىۋى پەن ـ تېخنىكا ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ماھىر بولۇش، ھەم كەشتە تىككەندەك ئىنچىكىلىك، سەۋرچانلىق، چېۋەر قەلب ئارقىلىق ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خادىملارنىڭ باشقا جايدا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشىنىڭ تېخىمۇ ئومۇملىشىشىغا، كارخانىلارنىڭ رايون ھالقىپ تىجارەت قىلىشىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەرىجىسى ئۆسۈپ، ئۈنۈمى ئۆستى. كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرىشتىن نوپۇس يۆتكەشكىچە، تىجارەت سۇبيېكتىنى تەسىس قىلىپ تىزىملاشتىن تىجارەت كىنىشكىسىنى يوقىتىپ قويۇپ قايتا تولۇقلاپ ئېلىش، ئالماشتۇرۇپ تارقىتىشقىچە، بارغانسېرى كۆپ تەكرارلىنىش قېتىم سانى كۆپ بولغان مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىش تۈرىدە «توردا بېجىرىش، ئالىقاندا بېجىرىش، ئاپتوماتىك بېجىرىش، ھەر ۋاقىت بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. رەقەم تېخنىكىسى ۋە ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى قوللىنىپ، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئېھتىياج بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنى يۆتكەش، ھالقىلارنى راۋانلاشتۇرۇش...ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، تۈجۈپىلەشكەن، خاسلاشقان شەكىل، ئۇسۇللار كىشىلەرگە قولاي، ئەلا سۈپەتلىك ئىش بېجىرىش تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.

  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «< بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش >نى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن تەرتىپ بىر گەۋدىلەشكەن تور مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساھە، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئەڭ ئەلالاشتۇرۇش، ئىش بېجىرىش ماتېرىيالىنى ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇش، ئىش بېجىرىش تەننەرخىنى ئەڭ تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرساق، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىغا چوقۇم ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئېلىپ كېلەلەيمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ