مۇھىم خەۋەرلەر

1 ـ پەسىلدە تۆمۈريول تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 9.9 ئاشتى

پۈتۈن يىلدا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى

2024.04.16 13:44 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى» دېيىلدى) دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول ئورۇنلىغان تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 124 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 9.9 ئېشىپ، پۈتۈن يىلدا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى تۆمۈريول سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تورنى تۇتاشتۇرۇش، تورنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان تۆمۈريول تورىنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، راۋانلىقى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  يېڭى لىنىيە تۈرىدە ئوڭۇشلۇق ئىش باشلاندى. يېڭىدىن ياسالغان جاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول پۈتۈن لىنىيەسىدىكى تۇنجى كۆۋرۈك تۈۋرۈك ئۇلى − راۋپىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى 223-نومۇرلۇق كۆۋرۈك گۇندىسى 2-نومۇرلۇق تۈۋرۈك ئۇلىدا ئىش باشلاندى. «تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقان» يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى دېڭىز بويى لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى پۈتكەندىن كېيىن، فۇجوۋ-شيامېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، گۇاڭجوۋ-شەنتوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، شيامېندىن شەنتوۋغىچە بولغان مۇساپە بىر سائەتكە قىسقارايدۇ. شاڭخەي- چۇڭچىڭ- چېڭدۇ دەريا بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ خېفېيدىن ۋۇخەنگىچە بولغان بۆلىكىدە يىل بېشىدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، «تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتاشقان» يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىنىڭ دەريا بويى يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈر پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.

  قۇرۇلۇش تۈرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۇب مېتىر بېتون قۇيۇشنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، رۇيجىن- مېيجوۋ تۆمۈريول ئومۇمىي لىنىيەسىدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك –ميەنشۈي پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىدە ئۇدا لىم ياتقۇزۇش ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، قۇرۇلۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى؛ شاڭخەيدىن سۇجوۋ-خۇجوۋ تۆمۈريولى، لۇڭيەن شەھىرى- لۇڭچۇەن ناھىيەسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ مېيجوۋ-لۇڭچۈەن بۆلىكى، چۇڭچىڭ-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى چۇڭچىڭدىن يىبىنغىچە بولغان بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇشقا باشلىدى؛ خاڭجوۋ ـ چۈجوۋ تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تونېل تۇتاشتۇرۇلدى؛ نىڭبو-جوۋشەن تۆمۈريولى فۇچىمېن تاشيول-تۆمۈريول ئىككى خىل ئىشلىتىلىدىغان چوڭ كۆۋرۈكىدە قۇرۇلۇش باشلاندى؛ باۋتوۋ- يىنچۈەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىغا باۋتوۋ ۋوگزالىنى كىرگۈزۈش بويىچە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى...1-پەسىلدە، قۇرۇلۇۋاتقان زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۆمۈريول تۈرلىرىدە كۆۋرۈك، تونېل قاتارلىق كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلاردا باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

  غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ تۆمۈريول تورى قۇرۇلۇشى «سۈرئەتنى تېزلەتتى». شىئەن- چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، چېڭدۇ-نەنچۇڭ-داجوۋ-چۇڭچىڭ شەھىرى ۋەنجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، چۇڭچىڭ-خۇنەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى...غەربىي جەنۇب رايونىدا، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئون نەچچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرىدە ئالدىراش قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. 1-پەسىلدە، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چېڭدۇ ئىدارىسى باشقۇرۇشىدىكى تۆمۈريول مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 21 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئورۇنلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ