مۇھىم خەۋەرلەر

مۇتەخەسسىسلەر «ئاياللار جورىسىنىڭ مال ـ مۈلكىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ»: «ئايالىنىڭ ھوقۇقى»نى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئېرىنىڭ ھوقۇقى»مۇ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ

2024.04.15 14:16 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، يېڭىدىن ماقۇللانغان «فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى»دا «ئاياللار جورىسىنىڭ مال ـ مۈلكىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ» دەپ بەلگىلىنىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. بۇنىڭغا قارىتا، نۇرغۇن قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى 13ـ چېسلا جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: فۇجيەن نىزام چىقىرىپ «ئاياللارنىڭ ھوقۇقى»نى كاپالەتلەندۈردى، «ئەرلەرنىڭ ھوقۇقى»مۇ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

  27- مارت، فۇجيەن ئۆلكىلىك 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنىدا ماقۇللانغان «فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» 2024- يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ نىزامنىڭ 6 - باب 45 - ماددىسىدا «ئاياللار كىملىك، نوپۇس دەپتىرى ۋە توي خېتى قاتارلىق ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىلىرىنى ئېلىپ، قانۇن بويىچە ئۆي - زېمىن مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش قاتارلىق ئورۇنلارغا جورىسىنىڭ مال - مۈلۈك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئالاقىدار ئورۇنلار قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىپ يازما ماتېرىيال بېرىشى كېرەك» دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

  خۇاچياۋ داشۆسى قانۇن شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور ليۇ چاۋ مۇنداق دەپ قارىدى: دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەر ـ خوتۇننىڭ ئورتاق مال ـ مۈلۈك قۇرۇلمىسى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىشىشكە يۈزلەندى، ھازىرقى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان قانۇن ـ نىزاملاردا تارقاق ئۇچرايدۇ، بۇ تۈزۈمنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە پايدىسىز، ئەمەلىيەت داۋامىدا مەشغۇلاتچانلىقى كەمچىل، خەلق ئاممىسى ئۆزىنىڭ يەنە بۇ ھوقۇقى بارلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، ھەتتا بىلمەيدۇ. بۇ قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرمەيدۇ ۋە قوغدىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە دۆلەت قاتلىمىدىن بىرتۇتاش ئويلىشىپ، مال - مۈلۈكنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش سۇبيېكتى، سۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپى، تۈرى، تەلىپى ۋە باشقا قانۇن - نىزاملار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارغا قارىتا بىرتۇتاش بەلگىلىمە چىقىرىپ، بۇ تۈزۈمنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە مەشغۇلات قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشقا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ