مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھەربىي زەربە بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2024.04.15 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھەربىي زەربە بەرگەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت ئەترىتى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھەربىي زەربە بەرگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ ئۇلغايغانلىقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئالاقىدار تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىشى غەززە توقۇنۇشىنىڭ سىرتقا يامراپ كېتىشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىپادىسى. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2728 - نومۇرلۇق قارارىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەززە توقۇنۇشىنى تېزدىن تىنچىتىش. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ تەسىر كۈچى بار دۆلەتلەرگە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئىجادىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ