مۇھىم خەۋەرلەر

مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، «يېتىۋېلىش» قىلمىشىنى كۈچەپ تۈزەش كېرەك

2024.04.12 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى «مەھەللە خىزمەتچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى تارقاتتى. «پىكىر»دە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا بەخت يارىتىشنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئاھالىلەرگە يېقىنلىشىپ، ھەرىكەت جەھەتتە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، ياش مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى قارىشى ۋە ئاممىۋى ھېسسىياتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ زىددىيەت، ماجىرالارنى ھەل قىلىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ياخشى ئىشلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قوشنىلار ئىناق ئۆتىدىغان، مەھەللە ئىناق بولغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، «يېتىۋېلىش» قىلمىشىنى كۈچەپ تۈزەپ، ئاھالىلەر، ئامما ئۈچۈن ئىش بېجىرگەندە قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويۇش، بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ