مۇھىم خەۋەرلەر

كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ قولايلاشتى، خاتىرجەم بولدى

2024.04.12 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشتا، جەلپ قىلىش كۈچىنى قانداق ئاشۇرۇش كېرەك؟ شاڭخەي يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېشىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىستېمالىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 16 چوڭ تۈردىكى 1 ـ دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى. ئىستېمالچىلار كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، يەنە بەزى سودا سارايلارنىڭ يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن سودىگەر ۋەزىيەتكە قاراپ «كونا ماشىنىنى بىر تەرەپ قىلىش، يېڭى ماشىنا قۇراشتۇرغاندا بىر قېتىمدىلا ھەل قىلىش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇپ، كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، خاتىرجەم بولىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «مەھسۇلات يېڭىلاش، ئەۋلاد ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.» ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش ھەم ھازىرغا، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە پايدىلىق، ھەم ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنمىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھەم ئېنېرگىيە تېجەپ كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، يەنە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا كىرگۈزىدۇ، بۇنى بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوقۇش دېيىشكە بولىدۇ. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلاشتى، بۇ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

  ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشى، ئۇنىۋېرسال كۈچ چىقىرىشىغا ئېھتىياجلىق. قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ۋە يېڭىلىق يارىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بۇ ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلغاندىلا، ياخشى ئىشنى ئەمەلىي قىلغاندىلا، ئاندىن كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىغا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ