مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نەتىجە قەغىزىنى ئاتا-ئانىلارغا ئەۋەتىشىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟

2024.04.11 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجە قەغىزىنى ئاتا-ئانىلارغا ئەۋەتىپ بەرگەن تېما قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، ھەتتا بەزى تورداشلار مەسخىرە قىلىپ: «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش ئاتا-ئانىلارنىڭ نەتىجە قەغىزىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن» دېيىشتى.

  ئالىي مەكتەپلەر نەتىجە قەغىزىنى ئاتا-ئانىلارغا ئەۋەتىشى كېرەكمۇ-يوق، بۇ مەسىلىنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى يوق. ئەمما پەرزەنتلىرى سىرتتا ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نەتىجىسىنى ئەۋەتىش ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان يولىنى كۆپەيتتى. دەرۋەقە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرامىغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار تېخى جەمئىيەتكە قەدەم قويمىغان، بەلگىلىك مۇستەقىل تۇرمۇش تەجرىبىسى كەمچىل، شۇڭا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توغرۇلۇق ئەنسىرەيدۇ. بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ يۈك بولۇشى ناتايىن، ئاتا-ئانىلارمۇ نەتىجە قەغىزى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە كەلگۈسى يول تاللاش تەكلىپى بېرىپ، ئالىي مەكتەپ بىلەن ئائىلىنىڭ ئورتاق تەربىيەلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  بىر چاغلاردا، جەمئىيەتتە ئالىي مەكتەپكە ئۆتسىلا «ئەركىن» بولىدىغان خاتا تونۇش بار ئىدى، ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىنكى باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويغان، يەنە بىر قىسىم تەلەپچان بولۇش ئىقتىدارى كەمچىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «قاتتىق چەكلەش»تىن بىۋاسىتە «باشقۇرىدىغان ئادەم بولماسلىق»قا ئۆتۈپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان. شۇڭا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نەتىجە قەغىزىنى ئاتا-ئانىلارغا ئەۋەتىپ بېرىشى يامان ئىش ئەمەس، ئەلۋەتتە، ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا مۇۋاپىق ھۆرمەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجە قەغىزىنى ئۆيىگە ئەۋەتىپ بېرىشكە قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقنى تاللىشىغا يول قويسا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ