مۇھىم خەۋەرلەر

مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىش يېشىنى 40 ياشقا كېڭەيتىش ھېچكىمگە يامان ئىش ئەمەس

2024.04.11 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  تاراتقۇلار خېنەن، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئۆلكە ئىمتىھانىدىكى ئىش ئورنى ياش چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش تەدبىرىگە باھا بېرىپ، بۇ خىزمەت سورۇنىدىكى 35 ياش كەمسىتىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۈلگە بولدى، دەپ قارىدى. «مەمۇرلارنىڭ قىسمەن ئىش ئورنى يېشى 40 ياشقا تەڭشەلدى» دېگەن تېما مىكرو بىلوگدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، نۇرغۇن تاراتقۇلار بۇ ھەقتە مىكرو بىلوگدا بېلەت تاشلاشنى باشلىدى، «قوللاش» بېلەت تاشلاشنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئىگىلىدى.

  ئەلۋەتتە ئەندىشىمۇ ناھايىتى كۆپ. باھا رايونىغا قاراپ باقساق، ياشنى كەڭ قويۇۋېتىپ «ئوتتۇرا ياشلىقلار»غا بېرىش «ياشلار»نىڭ پۇرسىتىنى ئازايتقانلىق، دەيدىغان ئەندىشىنى ئومۇمىي مىقدار ئەندىشىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؛ يەنە بىر خىل ئەندىشىنى، يەنى 40 ياش ئادەمنىڭ زېھنىي كۈچى ۋە ۋاقتى ياشلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈستۈنلىككە ئىگە بولامدۇ؟ بولۇپمۇ 40 ياشقا كىرگەندە ئاندىن تۈزۈلمىگە كىرگەندە ئۆسۈشتىن ئۈمىد يوق، بۇ «ھورۇنلار» نىڭ ئاساسىي كۈچى بولۇپ قالىدۇ، دېگەن ئەندىشىنى قۇرۇلما ئەندىشىسى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

  «ئوتتۇرا ياشلىقلار» «ياشلار»نىڭ قىرغاققا چىقىش پۇرسىتىنى تارتىۋالارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۆلكە مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا مەمۇر قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىنىڭ كەڭ قويۇۋېتىلىشى دەل ئوتتۇرا ياش، ياشلارنى ئايرىشتىن ئىبارەت ۋاقىت ئوقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئاساس قىلغان. 35 ياشلىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش چەكلىمىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى «دۆلەت مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»دىن كەلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى ئاران 60 نەچچە ياش ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە 78.2 ياشقا ئۆستى؛ ئەينى چاغدا ئادەتتىكى شەخسلەرنىڭ تەربىيەلىنىش يىل چېكى خېلىلا قىسقا ئىدى، ھازىر جۇڭگودا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرى ئىچىدە ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغانلار %50 كە يەتتى. مەيلى كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسۇن ياكى مەكتەپتىكى ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسۇن، ھەممىسى ئەمەلىيەتتە «ياشلار» قاپلىغان ياش باسقۇچىنى تەڭشەيدۇ. 40 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇش ئىجتىمائىي ۋاقىت قۇرۇلمىسىغا بويسۇنۇشتىكى تاللاش. ياش ئۇزارتىش پۇرسىتى ماھىيەتتە بۈگۈنكى «تېخىمۇ ياش» ياشلارغا بېرىلگەن باراۋەرلىك.

  «ئوتتۇرا ياشلىقلار»نىڭ تۈزۈلمىگە كىرىشى ئۆستۈرۈشنىڭ ۋاقىت بوسۇغىسىنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئىستىقبالىدىن ئۈمىد بولماسلىق پىشىپ كەتكەن قېرى قاقباشلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئارىلىقتا بىر خىل «ئەنەنىۋى» خاتا چۈشەنچىمۇ بار. مەمۇرلارغا ۋەزىپە بىلەن دەرىجىنى تەڭ بېرىدىغان ئۆستۈرۈش يولى يولغا قويۇلغان، ئاتالمىش رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن باشقا، بىر يۈرۈش تېخىمۇ ئاساسىي ۋەزىپە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەرتىپى مەۋجۇت بولۇپ، مائاش، تۇرالغۇ، داۋالىنىش قاتارلىق تەمىناتلارنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ، پەقەت رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بولمايدۇ. بۇ كۆپ ساندىكى ئاددىي كىشىلەرنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش يولى، مەمۇرلار كەسپىدىكى كىشىلەر ئەھمىيەت بېرىدىغان «مۇقىملىق». ئەگەر بۇ خىل ئۆرلەش يولى بولغان ئەھۋالدا، يەنىلا «ھورۇنلار»، «پىشىپ كەتكەن قېرى قاقباش» بولسا، بۇ ئەسلىدىنلا ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تەمىناتى ئەخلاققا ماس كەلمەسلىك مەسىلىسى، كارخانىدىمۇ ئوخشاش، بۇ ئادەتتىكى «ئادەم 40 ياشقا كىردى» دېگەن مەسىلە ئەمەس.

  مەمۇرلۇق ئۇنىۋېرسال ساپاغا قويۇلىدىغان تەلەپ بىرقەدەر يۇقىرى كەسىپ بولۇپ، مۇلازىمەتچانلىقى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جۇڭگو تەرەققىياتىدىكى ھالقىلىق ۋەزىپىلەر جىددىي ئىشلىنىپ، كىشىلەر زور بىر تۈركۈم ئىش قىلالايدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. بۇ توپتا ھەم «ياشلار»دەك زېھنىي كۈچ بولۇشى، ھەم «ئوتتۇرا ياشلىقلار»دەك تەجرىبىلەر بولۇشى كېرەك، شۇندىلا غايەت زور ئوخشاش نىيەت ۋە ئورتاق كۈچ بىلەن پۇقرالار بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. بۇنداق ئۈستۈنلىك ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەر ئىچىدە، بەزىلەر ياش تۇرۇپلا پىشىپ يېتىلگەن، بەزىلەر كېيىن يېتىلگەن جاسارەتلىك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنى قانداقتۇ «ياش»، «ئوتتۇرا ياش» دېگەن ئىككى مەنبەلىك ئاددىي ياش رامكىسىغا ئېلىپ قويغانلىق ئەمەس.

  تورداشلارنىڭ ئەندىشىسىنى ياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىتىلغان دېگەندىن كۆرە تاللاشنىڭ ئادىللىقىغا قارىتىلغان، دېگەن تۈزۈك، يەنى بۇ «ماس كەلمەيدىغانلار ئارىلىشىپ قالمىسۇن»، «ماڭا يەتمەيدىغانلار مېنى سىقىپ چىقارمىسۇن» دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ھەقىقىي سادانى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن چۈشىنىشى، توغرا قارىشى كېرەك. ھازىر ياش چەكلىمىسى كەڭ قويۇۋېتىلگەن ئۆلكىلەر، مەسىلەن، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلەر مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىدىغان چوڭ ئۆلكىلەر، شۇنداقلا مەمۇرلار كەسپىنى جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى ئۆلكىلەر بولۇپ، قوبۇل قىلىشتا ئادىل ۋە ئىلمىي بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئۈلگە كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ