مۇھىم خەۋەرلەر

«ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»نى قەتئىي تۈزەش كېرەك

2024.04.08 23:40 مەنبە: خەلق تورى

  گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېقىندا تۇڭرېن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىرى چېن دەيۋېننىڭ پارتىيەدىن قوغلانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان «ئوبراز قۇرۇلۇشى» ۋە «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلغانلىقىنى ئېيتتى؛ گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجوۋ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز ئېلىپ «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىشنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇردى؛ خېنەن ئۆلكىسى شىشيەن ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاممىنىڭ ئېھتىياجى ۋە شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىماي، يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى سېلىنغان زۆرۈر بولمىغان، جىددىي ئېھتىياجلىق بولمىغان خەلق تۇرمۇشى، مەدەنىيەت-ساياھەت، ئاساسىي قۇرۇلۇش، رەقەملىك سىستېما قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇردى... ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى كەسكىن پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»نى سىجىل چوڭقۇر تۈزىدى.

  «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە بىر جاي، بىر ساھەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى، ئېسىل ئەنئەنىسى بىلەن زادى چىقىشالمايدۇ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىنتىزام جازاسى نىزامىدا خەلققە جاپا، مۈلۈككە زىيان سالىدىغان «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىش قىلمىشى ئاممىۋى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتىن سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا تەڭشەلدى ھەمدە ئېغىر ياكى ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋال قىلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»نى قەتئىي تۈزىتىش ئىرادىسى ۋە پوزىتسىيەسى يەنىمۇ نامايان قىلىندى. «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»نى قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەسلىكنىڭ يىلتىزى بەزى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق قارىشىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىدا، نەتىجە قارىشىنىڭ خاتا بولغانلىقىدا، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئۆزىنىڭ «يۈزىگە ئالتۇن چاپلىغانلىقى»دا.

  «ئوبراز قۇرۇلۇشى» ئوبرازنى نابۇت قىلىدۇ، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»دا نەتىجە چىقمايدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار سەلبىي تىپلاردىن تولۇق ساۋاق ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەۋىلىك ئېڭىدىن مەنبە ئىزدەپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى مۇجەسسەملەپ، سىياسىي تەربىيە، ئىدىيەۋى تەربىيە، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك. خەلققە بەخت يارىتىش سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆھپە تالاشماسلىق، تۆھپە قوشۇشقا چوقۇم قاتنىشىش»تەك ئىدىيەۋى ئەندىزىنى تىكلەپ، ئاساس تىكلەيدىغان، ئۇزاققىچە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، قۇرۇق تۆھپە تالاشماي، قۇرۇق نام كۆزلىمەي، ئۇزاققا نەزەر سېلىپ، ئەمەلىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، «زىيادە ئاۋارە بولۇش»، «يۈزەكى ئىش قىلىش»تىن قەتئىي ساقلىنىپ، ئاممىغا ھەقىقىي بەخت يارىتىشى كېرەك.

  ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇق قارىشى بۇرمىلىنىش، نەتىجە قارىشى خاتا بولۇش ھادىسىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇش، خەلققە جاپا سېلىش، مالىيەگە زىيان سالىدىغان «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىش، سانلىق مەلۇماتتا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزىتىشى كېرەك. شامالغا قارشى ئىش قىلغان، مەسىلە گەۋدىلىك بولغانلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك دېلولارنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، باشقۇرمىغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلارنىڭ بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئاشكارىلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تۈزىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ