مۇھىم خەۋەرلەر

شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

2024.04.08 23:40 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە: باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتە مەسىلىنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگكۈزۈش، داۋاملىق تۇتۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بايقىلىشىچە، ئايرىم جايلاردا يەنىلا بەزى شەكىلۋازلىق قىلىپ «بىھۇدە قىيناش» ئەھۋالى مەۋجۇد بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى خورىتىۋاتماقتا. بەزى جايلار كۆزدىن كەچۈرگەندە چىرايلىق كۆرۈنۈش، چىرايلىق ئاڭلىنىش ئۈچۈن ھەدەپ قەرز ئېلىپ «ئابرۇي قۇرۇلۇشى» قىلماقتا؛ بەزى جايلار تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش، سىناقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن كېچىلەپ سىرلاپ، تام سۇۋاپ، ئادەمنى ھەيدەشتەك زەربىدارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا... بۇ ئۇسۇللار ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى زور دەرىجىدە ئىسراپ قىلىپلا قالماي، پارتىيەمىزنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئېسىل ئەنئەنىسىگە تېخىمۇ زىيان يەتكۈزدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما بۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلەندى.

  شەكىلۋازلىقنىڭ قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەسلىكىدە، ھەم قىسمەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قارىغۇلارچە بەسلىشىش، ھوقۇقنى خالىغانچە ئىشلىتىش قاتارلىق سۇبيېكتىپ ئامىللار ھەم يۇقىرىنىڭ سىياسەت تۈزۈشى ئەينەن بولماسلىق، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى چوڭ، ھوقۇقى كىچىك بولۇش قاتارلىق ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر بار. ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلار كۆڭلىدە «پىلان تۈزۈش» بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىماي، «قاتتىق ئىشلەپ، تېز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان» ھاياجان بىلەن ئىلىم-پەن ساۋاتلىرى ۋە كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ، كاللىسىغا ئۇرۇپ تەدبىر بەلگىلەپ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ كاپالەت بېرىپ، ئۈستەلگە ئۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر تالاي قالايمىقانچىلىقنى تاشلاپ قويدى. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ مەنبەسى يەنىلا نەتىجە قارىشىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىدا.

  رەھبىرىي كادىرلار خەلققە بەخت يارىتىش سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، پۇقرالارنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى، شەخسىي غەرەز بىلەن قەتئىي «چوت سوقماسلىقى» كېرەك. ئاساسىي قاتلامغا كۆپرەك بېرىپ، ئامما بىلەن ھەقىقىي پاراڭلىشىپ، چىن ھېسسىياتى بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. بەزى «بىھۇدە ئاۋارە قىلىش» ئاساسىي قاتلامدا ئىپادىلەنگەن بىلەن يىلتىزى يۇقىرىدا. يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خىزمەت تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ھەقىقىي ساقلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە سىياسەت، قانۇن-نىزام، تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى چەكلەش مېخانىزمى ۋە جاۋابكارلىقنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم ئارقىلىق شەكىلۋازلىقنى تۈزەش كېرەك.

  ئەمەلىي ئىش قىلغانلار ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرىدۇ، قۇرۇق نام-شۆھرەتكە بېرىلگەنلەرنىڭ تۆھپىسى تايىنلىق بولىدۇ. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، سۆلەتۋازلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالىغاندىلا ئاساسىي قاتلامنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ئەمەلىي ئىش قىلىشقا سەرپ قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتقىلى، شەكىلۋازلىققا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرمىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ