مۇھىم خەۋەرلەر

سودا مىنىستىرلىقى: ئاۋسترالىيە ئۈزۈم ھارىقىغا قارىتا «ئىككىگە قارشى تۇرۇش» تەدبىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈلۈشىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2024.03.15 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  14-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن سودا مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئاۋسترالىيە ئۈزۈم ھارىقىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە قارشى تۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈش تەدبىرىنى قايتا تەكشۈرۈش قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىلىدىغانلىقىنى ھەمدە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش تەرتىپى بويىچە ئەڭ ئاخىرقى قايتا تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2023-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى ئاۋسترالىيە ئۈزۈم ۋە ئۈزۈم ھارىقى جەمئىيىتىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئاۋسترالىيە ئۈزۈم ھارىقىغا قارىتا «ئىككىگە قارشى تۇرۇش» تەدبىرىنى قايتا تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە باشلىغان. ئارقىدىن تەكشۈرۈش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار تەرەپلەرنىڭ تەشەببۇسى ۋە دەلىل-ئىسپاتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، سودا مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش تەرتىپىگە ئاساسەن ئالاقىدار پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بار تەرەپكە كېسىمدە ئاساسلانغان ئاساسىي پاكىتنى ئاشكارىلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە پىكىر بايان قىلىش پۇرسىتى بەردى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خې يادۇڭ مۇنداق دېدى: ئەمدى سودا مىنىستىرلىقى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ باھا پىكرىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش ئاساسىدا، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش تەرتىپى بويىچە ئەڭ ئاخىرقى قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئاۋسترالىيەنىڭ خۇافېڭتا قاتارلىق سودا قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو دىققەت قىلغان ئىشلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ