مۇھىم خەۋەرلەر

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتايلى

− 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2024.03.13 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى. بىز يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز !

  بۇ قېتىمقى يىغىن 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. يىغىندا ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى، زور نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا تۈرلۈك مۇھىم دوكلاتلار قاراپ چىقىلدى ۋە تەستىقلاندى، ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا يەكۈنلىنىپتۇ، نىشان ئىلمىي، مۇۋاپىق بېكىتىلىپتۇ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىرلەر ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەتكە كېلىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. يىغىندا يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، توغرا سىياسىي يۆنىلىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، خەلق رازى بولىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى 100 مىليونلىغان خەلقنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز نامرات ھەم قالاق ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. بىزگە ئايانكى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى يۈكلەنگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرىشى ۋە قان-تەرى سىڭگەن، ئىستىقبالى پارلاق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز شۇنىمۇ چەكسىز سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ئىش، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا مۇقەررەر دۇچ كېلىمىز، شۇڭا تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ داغدام يولنى بويلاپ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، يولنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، مۇۋەپپەقىيەت قىرغىقىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ناھايىتى ئاددىي، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش». كۈرەش قىلىش تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش يولىغا نەزەر سالساق، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن؛ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى، كۈرەش قىلىش روھى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولدى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىشى، جەزمەن خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، خەلق ئارىسىغا يوشۇرۇنغان چەكسىز ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملىگەندىلا، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ياراتقىلى بولىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىپادىلىگەن ئارزۇسى، ياراتقان تەجرىبىلىرى، ئىگە بولغان ھوقۇق - مەنپەئەتى، جارى قىلدۇرغان رولىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، دۆلەت ئىدارە قىلىشنىڭ تىنچلىق-قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش-خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن بۆسۈپ چىقىشىغا، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ، تەڭداشسىز ئەۋزەللىككە ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى قوغداش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

  ئۇلۇغۋار پىلان كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، دەۋر بۇرغىسى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئىشەنچىمىز تولۇق، كۈچىمىز يېتەرلىك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىسەكلا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ