مۇھىم خەۋەرلەر

مەسئۇلىيىتىمىزنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئادا قىلىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز

____ خەلق تورى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى

2024.03.11 23:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، دەپ كۆرسىتىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دېيىلىدۇ) يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى قانداق بېكىتىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشكە قانداق كۈچ چىقىرىدۇ؟ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2-يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن خەلق تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  مۇخبىر: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيە مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللىي رايونلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ؟

  ئەزا نۇرلان ئەبىلمەجىن: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ ئاساسىي، ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلە، كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەت، شۇنداقلا نۇرغۇن ئىشلارنى«ئۈن-تىنسىز» قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مۇھىم كېڭىشىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، چىڭ تۇتۇپ يېڭىلىق يارىتىپ شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى مائارىپى ۋە ئۆگىنىش، ئىشلىتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى خۇشال كەيپىياتتا، تەبىئىي بېرىش-كېلىش قىلىش، يىغىلىپ پاراڭلىشىش جەريانىدا بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پسىخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىش، شەرھلەش، تارقىتىشقا پائال قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆزگىچە نەزەر دائىرىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە قان تومۇرى يۈكلەنگەن، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىپايان زېمىنغا تارقالغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يولغا قويۇش پىكرى، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىگە دائىر سىياسەت-تەدبىرلەر، مىللەتلەر ئۆزئارا گىرەلەشكەن تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى سىجىل ئىز قوغلاپ مۇستەھكەملەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى كىچىك ئېقىنلاردىن دەرياغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شىنجاڭ زېمىنىدا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

  بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز تېخىمۇ ھەسسىلەپ تىرىشىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى سەھىپىنى كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ