مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ يى: بارلىق يەندى-خۇاڭدى ئەۋلادلىرى ۋە ئەجدىھا ۋارىسلىرى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك

2024.03.11 23:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىككى يىغىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەيۋەن رايونىنىڭ سايلىمى پەقەت جۇڭگونىڭ بىر يەرلىك سايلىمى، سايلام نەتىجىسى تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك ئاساسىي پاكىتنى قىلچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ مۇقەررەر ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 180 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللىدى، بۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئەگەر ھازىرمۇ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللايدىغانلار بولسا، ئۇ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولىدۇ. ئەگەر ئايرىم دۆلەتلەر جاھىللىق بىلەن تەيۋەن رايونى بىلەن ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىنى ساقلىسا، ئۇ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، كۆپچىلىك ھامان بىر كۈنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىدىغان «ئوپچە سۈرىتى»نى كۆرىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل. تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن بايرىقىمىز روشەن ھالدا «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش قانچە كۈچلۈك بولسا، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى شۇنچە كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بىزنىڭ سىياسىتىمىز ناھايىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىستىقبالىنى ئەڭ زور سەمىمىيەت بىلەن داۋاملىق قولغا كەلتۈرۈش. بىزنىڭ تۆۋەن چېكىمىزمۇ ناھايىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ تەيۋەننىڭ ۋەتىنىمىزدىن بۆلۈنۈپ چىقىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق. تەيۋەن ئارىلىدا كىمكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا، تارىخ تەرىپىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ. خەلقئارادا كىمكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسە، ئۇ جەزمەن ئۆزىگە ئوت تۇتاشتۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى قان بىلەن گۆشتەك يېقىن، مىللەتنىڭ يىلتىزى ئايرىلمايدۇ. بارلىق يەندى-خۇاڭدى ئەۋلادلىرى، بارلىق ئەجدىھا ۋارىسلىرى مىللىي ئادالەتنى ياقلاپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، تىنچ بىرلىككە كېلىشنى قوللىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ