مۇھىم خەۋەرلەر

2024-يىللىق «ئىككى يىغىنغا بىر جۈملە سۆزۈم بار»

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز خەلق تورىدىكى تورداشلارغا جاۋاب خەت يازدى

2024.03.11 23:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورىنىڭ 2024-يىللىق «ئىككى يىغىنغا بىر جۈملە سۆزۈم بار» تەكلىپ-پىكىر توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، كەڭ تورداشلار پائال قاتناشتى. قىسمەن مەركەزدىكى مىنىستىرلىق، كومىتېت رەھبەرلىرى، يەرلىكتىكى ئۆلكىلىك پارتكوم شۇجىلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى ئارقا-ئارقىدىن خەلق تورى ئارقىلىق تورداشلارغا خەت ئەۋەتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز

  تورداش دوستلار:

  كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئېچىلىش ھارپىسىدا، خەلق تورى ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز ئۈنۈملۈك قالدۇرۇلغان جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق سۆزنى تاپشۇرۇۋالدۇق، بۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەم «ئالقىش ياڭرىتىلىپ»، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىگە يۈكسەك باھا بېرىلگەن، ھەم «قاخشاش»لارمۇ بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىرلەر بېرىلگەن، ھەر بىر قۇردىن گۈزەل شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈش، قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاش، شىنجاڭ خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك قالدۇرغان سۆزلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردۇق، جايلار، تارماقلار سۆزلەرنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەڭ تورداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  ئۆتكەن بىر يىل شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن رول تۇتۇپ، يول باشلاپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىشنى بېكىتتى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش ۋە مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدۇق.

  ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر ئەستە چىڭ ساقلاشقا ئەرزىيدۇ: شىنجاڭدا ئاشلىقنىڭ ئېشىش مىقدارى، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى؛ جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا يەرمەنكىسىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۈنۈمىدە تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى، چېگرادىن ئۆتىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ شىنجاڭدىن ئۆتۈشى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى؛ «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقتارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» مىقتارى 126 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى؛ ئۆمەك تەشكىللەپ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا زىيارەتكە بېرىپ، چەت ئەللىك مېھمانلار ۋە چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدۇق، شىنجاڭ دېموكراتىيە-تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش ھالىتى بىلەن دۇنيانى كۈتۈۋالدى. ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، نۇرغۇن تەسىرلىك ئىشلار قايتا ئەسلەشكە ئەرزىيدۇ: جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش تەستىقلاندى، كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئون ئەمەلىي ئىش ئۆز قەرەلىدە تاماملاندى؛ شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭلىق يەرلىك يازغۇچىنىڭ ئەسىرى «بېنبا» ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ قار-مۇز ساياھىتى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، ئالاھىدە ساياھەت مەملىكەت بويىچە «1-سەپ»كە كىردى، «چۆللۈكتىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى» قىزىپ كەتتى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلدى، بىزنىڭ «ئەگەشكۈچىلەر ئۆمىكى»مىز بارغانسېرى كۆپەيدى، «دوستلار چەمبىرىكى»مىز بارغانسېرى كېڭەيدى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» بارغانسېرى ياڭرىماقتا. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ نېگىزى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن، شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچى مۇجەسسەملەنگەنلىكىدىن بولغان.

  2024-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، شۇنداقلا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بىز توردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە داۋاملىق ياخشى مېڭىپ، ھەر بىر ئېغىز «ئەڭ ئاددىي ئەل ساداسى»نى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، ھەر بىر «ئالدىمىزغا كەلگەن ئەل رايى»نى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ھەقىقىي تۈردە كۆپچىلىكنىڭ توغرا، ئېنىق قارىشى، دانا سۆزلىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى، ئەمەلىي تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەر بىر خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى ياخشى ئىشلەيمىز. كەڭ تور ئەھلى دوستلارنىڭ بۇرۇنقىدەكلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ قوشۇپ، بىز بىلەن بىللە يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

  گۈزەل شىنجاڭ سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ! كۆپچىلىكنى شىنجاڭغا كېلىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا، يىپەك يولىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمەن. تور ئەھلى دوستلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن! خەلق تورىنىڭ بارغانسېرى ياخشى باشقۇرۇلىشىنى تىلەيمەن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ