مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى «قۇسۇر تېپىپ ئەيىبىنى ئېچىش» ئەمەس، بەلكى «قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىدارە قىلىش»

2024.03.11 14:18 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى بەردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ جياخەي خىزمەت دوكلاتىنى توردا چۈشەندۈرگەندە مۇنداق دېدى: نۇرغۇن دېلولار ئارقىلىق يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى بايقاش خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى بېرىش ئەمەلىيەتتە «قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىدارە قىلىش»، قوش پايدا ئېلىش، كۆپ پايدا ئېلىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  جۇ جياخەي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، دېلو بېجىرىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قېلىپ، باش چۆكۈرۈپ دېلو بېجىرىپ، دېلو كۆپ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلمىسا ياكى بايقالغان مەسىلىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ، ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇنلارغا قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى بەرمىسە، ھەم ئۆزىنىڭ «دېلو كۆپ، ئادەم ئاز» بولۇش زىددىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، ھەم دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىسىز. شۇڭا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيەلىك تەكلىپ بېرىشى ھەرگىزمۇ «قۇسۇر تېپىپ ئەيىبىنى ئېچىش»، «ئارتۇق ئىشقا ئارىلىشىۋېلىش» بولماستىن، بەلكى قوش پايدا ئېلىش، كۆپ پايدا ئېلىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ