مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شيۇڭ شياۋمېي: ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2024.03.11 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرىدىكى شىنچېڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى شيۇڭ شياۋمېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «سانائەت ئىشچىلىرى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم».

  شيۇڭ شياۋمېي ئادەتتە كارخانا تىجارەتچىلىرىدىن كارخانىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كۆلەمنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى، پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىقلارنى سورايدۇ. ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەنئەنىۋى كارخانىلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسلىق قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى مەبلەغ بېسىمىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، گەرچە ھازىر ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە مەبلەغ جەھەتتىن يۆلەش سىياسىتى بولسىمۇ، لېكىن سالمىقى نىسبەتەن چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدى.

  شيۇڭ شياۋمېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شۇڭا مەن ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشىنى قوللاش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كەسىپنى ھازىرلىغان كارخانىلارغا قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن». ئۇ ئوتتۇرا، كىچىك ئەنئەنىۋى كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىشتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك ئەنئەنىۋى كارخانىلارنى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىش؛ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەنەنىۋى كەسىپلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى ئوخشاش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سىياسىتىگە ئىگە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش بېسىمىنى يېنىكلىتىش؛ كارخانىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشى ۋە رەقەملەشتۈرۈش، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرگە مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنى يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەشكە ئۈندىدى.شيۇڭ شياۋمېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىقنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىنىڭ كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدكە ئىگە قىلىش مېنىڭ ئۈمىدىم».

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ