مۇھىم خەۋەرلەر

1198 ئىش ئورنى! 2-تۈركۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا ئىش ئورنى

2024.03.11 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك، بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىككى تۈركۈم پىراكتىكا ئىش ئورنىنى توپلاپ ئېلان قىلدى، نۆۋەتتە 2-تۈركۈمدىكى پىراكتىكا ئىش ئورنى ئېلان قىلىندى، 2-تۈركۈمدىكى پىراكتىكا ئىش ئورنى 66 پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇن، 1198 پىراكتىكا ئىش ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  66 پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇن

  شىنجاڭ كېنتاكى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي خوجىلىق باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مېيچېڭ خەلقئارا ساياھەت كوپېراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ بەيساۋتاڭ تېببىي دورا زەنجىرسىمان سېتىش چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېلان قىلىنغان ئىش ئورنى كاندىدات دىرېكتور، سودا مەخسۇس خادىمى، ئوقۇتقۇچى، رىياسەتچى، مالىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پراكتىكا مەزگىلىدىكى تەمىناتى 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.

  پىراكتىكا ئوبيېكتلىرى

  «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى» بېجىرىپ مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئىككى يىل ئىچىدە (ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى 24 ئاي ئىچىدە) ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىدا ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ھەمدە «ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش كىنىشكىسى» بېجىرگەن 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىشسىز ياشلار قاتارلىقلار.

  پىراكتىكا تەمىناتى

  پىراكتىكا مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى (ئېيىغا 1700 يۈەن) بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، پىراكتىكا قىلغان ئورۇن شۇ جاينىڭ شۇ يىللىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %50 دىن تۆۋەن بولمىغان ئاساستا ئىش ئورنى ياردەم پۇلى تارقىتىدۇ ھەمدە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى بېجىرىدۇ.

  پىراكتىكا مۇددىتى

  ئالتە ئاي بولىدۇ، ئالاھىدە ئىش ئورنىدا پىراكتىكا مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، پىراكتىكا بازىسى بىلەن پىراكتىكانت ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ (ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن ئالاھىدە ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا).

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھىرى 69 پىراكتىكا ئورنىدىكى 1094 پىراكتىكا ئىش ئورنىنى توپلاپ، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 1198 پىراكتىكا ئىش ئورنىنى قوشقاندا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرى پىراكتىكا ئىش ئورنىدىن 2292 نى ئېلان قىلدى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشسىز ياشلار پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بويىچە ئۆزلۈكىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇپ پىراكتىكا قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكا كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن ئىش ئورنىغا چىقسا بولىدۇ

  ئەگەر سوئالىڭىز بولسا خىزمەت كۈنىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىگە تېلېفون قىلىڭ

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى: 4639654-0991

  تيانشان رايونلۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى: 2617930-0991

  سايباغ رايونلۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى: 4582264-0991

  يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى:3198633-0991

  بۇلاقتاغ رايونى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى: 4641941-0991

  ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى:3079164-0991

  مىدۇڭ رايونى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى: 3305034-0991

  گەنچۈەنپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت مەركىزى: 3325236-0991

  كودنى سكاننېرلاپ ئىش ئورنى جەدۋىلىنى كۆرۈڭ

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ