مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا موۋ لىنخەن دېلوسى مىسالغا كەلتۈرۈلدى

2024.03.09 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: موۋ لىنخەن بىللە تۇرغان قىز دوستىنى ھاقارەتلەپ ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خورلاش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تويلىشىشتىن بۇرۇن بىللە تۇرۇش، زوراۋانلىق قىلىشتا ئائىلە ئەزالىرى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قانۇن يۈرگۈزۈش قائىدىسىنى بېكىتىپ بەردى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى تۈركۈم ئائىلە زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىپ، « مۇھەببەت»نى باھانە قىلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زوراۋانلىق قىلىش، ئاجراشقاندىن كېيىن قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى تارتىۋېلىش، يوشۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلارغا قارىتا ئەدلىيە تۈزۈمىنى يولغا قويغان. مۇھەببەتلىشىپ، بىر ئۆيدە تۇرۇپ قارشى تەرەپنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىسا، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. خەلق سوت مەھكىمىسى تۈرلۈك جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىدىن 5695 نى چىقاردى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.5 ئاشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ