شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك

​ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

2024.03.07 09:02 مەنبە: خەلق تورى

  3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقلابىي كومىتېتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تۈردە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  «8 - مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئايال ۋەكىللەر، ئايال ئەزالار، ئايال خىزمەتچى خادىملار، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاياللار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋە تەيۋەن رايونىدىكى ئايال قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى ئايال چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى يوقلاشقا ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا شيا شيەنپېڭ، تيەن خۇڭچى، ۋۇ جيەنپىڭ، جاۋ يۈلياڭ، خۇاڭ ميەنسۇڭ، خۇ سۇڭچىن قاتارلىق ئالتە ئەزا ئىككى قىرغاقنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، ئالاقە تورى يادرولۇق تېخنىكىسى ئارقىلىق تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەرقايسى ئەزالار ھەم جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ كەڭ ئەزالىرى ۋە پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى زاتلارغا، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2023 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسكىنلىك بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا يەنە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەجرى ۋە ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى «قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ ئۇلنى پۇختىلاش، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا سىجىل قاتنىشىپ، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولدى. كەڭ پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى زاتلار پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال قوللاپ، قاتنىشىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى. كەڭ مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى زاتلار كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى، ئارال ئىچى - سىرتىدىكى ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەر بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلىشىپ، «مۇستەقىللىق»قا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت، ياشلار تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالار ۋە كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىي تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، پەن - تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى كەڭ ئەزالار ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېكولوگىيە ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. بۇلغىنىشنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىنىشنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، ئايلانما پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش، يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆز ساپاسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمىتى ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شى تەيفېڭ، جېڭ جيەنباڭ، خۇ چۇنخۇا، ۋاڭ دۇڭفېڭ، خې باۋشياڭ قاتارلىقلار بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ