ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 20-ماددىسى قوزغىتىلدى
2024.03.09 15:05 مەنبە: خەلق تورى
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، خەلق سوت مەھكىمىسى 77 نەپەر جاۋابكارنى يوللۇق قوغدانغان، گۇناھسىز دەپ جاكارلىدى. دوكلاتتا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: فۇ فامىلىلىك ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كېچىدە ما فامىلىلىكنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشىكنى چېقىپ، ئادەم ئۆلتۈرىمەن دەپ داۋراڭ سالغان، ما فامىلىلىك ئۇنىڭغا ئادەمنى خاتا ئىزدەپ قالغانلىقىنى ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان، فۇ فامىلىلىك پەرۋا قىلمىغان ھەمدە نۇرغۇن دېرىزە ئەينەكلىرىنى چېقىۋەتكەن، ما فامىلىلىك پىچاق كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقىپ توسقان، فۇ فامىلىلىك ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقان، ما فامىلىلىكنىڭ قولى، دۈمبىسى يارىلانغان، فۇ فامىلىلىك پىچاق تېگىپ كۆپ يېرى قانسىراش خاراكتېرلىك شوك بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن، سوت مەھكىمىسى ما فامىلىلىكنى يوللۇق قوغدانغان دەپ بېكىتىپ، ئۇنى گۇناھسىز دەپ جاكارلىغان. دوكلاتتا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «قانۇندا قانۇنسىزغا يول قويۇشقا بولمايدۇ» دېيىش شوئار ئەمەس، «20-ماددا» قوزغىتىلدى، بۇنى يەنە داۋاملىق دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ