مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: تور زوراۋانلىقىدىكى «كۇنۇپكا بېسىپ ئادەم زەخىملەندۈرۈش»تەك قىلمىشنى قاتتىق جازالاش كېرەك

2024.03.09 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇم ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا يار-يۆلەك بولۇشى، تور زوراۋانلىقى قىلمىشى چوقۇم بەدەل تۆلىشى كېرەك. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى، تور زوراۋانلىقىدىكى «كۇنۇپكا بېسىپ ئادەم زەخىملەندۈرۈش»، «كۇنۇپكا بېسىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش»تەك جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىشقا قارىتا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئەدلىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تور زوراۋانلىقىنى يامان غەرەزدە تەشەببۇس قىلغۇچىلار، تەشكىللىگۈچىلەر ۋە قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرنى قاتتىق جازالىغان. توردا تۆھمەت قىلىپ ئەيىبلەنگەن 32 دېلونى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇغان، 85 ئادەم جىنايەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلىنغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %10.3 ۋە %102.4 ئاشقان. دوكلاتتا مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ياڭ x شەخسىي ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن توردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى تارقىتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھاقارەتكە چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، ئەيىبلىنىپ سوت مەھكىمىسى ئۇنى ھاقارەتلەش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ