مۇھىم خەۋەرلەر

خۇاڭ رۈنچيۇ: 2023-يىلى ھاۋا سۈپىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى

2024.03.09 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ 2-مەيدان «مىنىستىرلار يولى»دا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ PM 2 . 5 نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى 30 مىكرو گىرام / كۇب مېتىر بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئومۇمىي ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىندى. 2023-يىلى بېكىتىلگەن ۋاقىت تەرتىپى سۈرئىتى نىشانىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاز كەم ئۈچ مىكرو گىرام / كۇب مېتىر تۆۋەن بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ