تەپتىش ئورگانلىرى پۇتبول ساھەسىدىكى چىرىكلىك دېلوسىدا 15 ئادەمنى ئەيىبلىدى
2024.03.09 15:03 مەنبە: خەلق تورى
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى، تەپتىش ئورگانلىرى ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتكە چېتىلغان 20 مىڭ كىشىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 9.3 ئاشقان؛ 18 مىڭ ئادەمنى ئەيىبلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سابىق ئۆلكە باشلىقى-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر 25 نەپەر. كەسىپ خاراكتېرلىك، سىستېمىلىق چىرىكلىكنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، ئايرىم-ئايرىم پۇل مۇئامىلە، داۋالاش ساھەسىدىكى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەن 348 ئادەم ۋە 580 ئادەمنى ئەيىبلىگەن؛ خۇبېي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى بىر قاتار چىرىكلىك دېلولىرىنى بېجىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى چېن شۈيۈەن قاتارلىق 15 كىشىنى ئەيىبلىگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ