تەپتىش ئورگانلىرى بۇلتۇر 261 ئادەمنى يوللۇق قوغدانغان، دەپ تەكشۈرۈپ بېكىتتى
2024.03.09 15:02 مەنبە: خەلق تورى
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، 2023-يىلى، تەپتىش ئورگانلىرى يوللۇق قوغدىنىش ئىدىيەسىنى داۋاملىق يېتەكلەپ، يوللۇق قوغدىنىشقا ياتىدىغان، قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنمايدىغان، ئەيىبلەنمەيدىغان 261 ئادەمنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.5 ئاشتى. دوكلاتتا بۇلار مىسالغا ئېلىندى: تېز تاماقخانىنىڭ خوجايىنى پىچاق كۆتۈرۈپ دۇكانغا بېسىپ كىرىپ قاقتى-سوقتى قىلىپ قاتىللىق قىلغان قارا نىيەتلەر بىلەن ئۇرۇشقاندا ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شاھماتخانا باشقۇرغۇچىسى ھاراق ئىچىپ پىچاق كۆتۈرۈپ جېدەل چىقارغۇچىنى توسۇپ ئۇنى يارىلاندۇرغان، تەپتىش ئورگانلىرى ئۇلارنى جىنايەت شەكىللەندۈرمەيدۇ دەپ بېكىتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ