مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك

2024.03.07 23:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ساھە ئايرىمىسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  ئەزا نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ ئورنى يۇقىرى، ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسى ئەمەلىي بولۇپ، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىلىپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلغان بولۇپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش توغرىسىدىكى دوكلات بوپتۇ، دوكلاتقا تامامەن قوشۇلىمىز. ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى باشتىن-ئاخىر جان تومۇر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ماھارەت قىلىپ باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن جەرياندىكى خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تارىخىي بۇرچ قىلىپ باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۈكسەكلىككە ئىنتىلىشنى نىشان-تەلەپ قىلىپ باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، روھنى مۇجەسسەملەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى پۇختا ئىگىلەپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  «دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق مول نەتىجىلىك خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى بىر يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈلدى، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، خىزمەت ئەمەلىيلىكى چوڭقۇر، خەلقچىللىق ھېسسىياتى كۈچلۈك بولدى» دېدى ئەزا مېڭ چىڭسەي، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: دوكلاتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۆتكەن بىر يىلدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەش، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىينى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىدىن ليۇ ۋەنلۇڭ، ئىلزات ئەخمەتجان، قادىربېك قامزا، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، ليۇ جيەنمىڭ، خالمۇرات ئابدۇراخمان قاتارلىقلار ئۆز گۇرۇپپىسىدا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ