مۇھىم خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات: شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ جايلىشىشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاش لازىم

2024.03.07 23:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋەزىپىسىدە، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايونلار زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك.

  يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇشتا يەنە زور تەرەققىيات بوشلۇقى بار. يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئادەم، يەر، پۇل»نى باغلاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوپۇسقا ئېلىنىش ئارزۇسى بار شەھەرگە كىرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنى شەھەر-بازارلاردا ماكانلاشتۇرۇپ، نوپۇسقا ئېلىنمىغان دائىملىق ئاھالىنىڭ شەھەر-بازار ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ناھىيە ئىقتىسادىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ناھىيە بازىرىنى يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شەھەرلەر توپى، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى تىرەك قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى پۇختا يولغا قويۇپ، «جىددىي ۋە ئادەتتە قوش ئىشلىتىشكە بولىدىغان» ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كونا مەھەللىلەرگە لىفىت ئورنىتىش، ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، توسالغۇسىز، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، ئەقىل-پاراسەتلىك، ئەۋرىشىم شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ھەممە جايدا ئادەمنى ئاساس قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنچىكە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ