خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، چۈشتىن بۇرۇن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى.
ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋەزىپىسىدە، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى كۆزلەپ، «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈمەن كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىپ ۋە پايدىلىنىپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش لازىم. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سېرىق پۇرچاق تېرىشنى كېڭەيتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، بىرلىك مەھسۇلاتنى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئۈچ چوڭ ئاساسىي ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە كىرىم سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاشلىقنى كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ناھىيەلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش لازىم. كېسەللىك ۋە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش لازىم. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بىلەن تولۇقلاشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا تۇپراقنى قوغداش ۋە شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ياردەم پۇلى بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جايلار دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىزدەك نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەت چوقۇم چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتە ياخشى كۆرسىتىپ، تاماق قاچىمىزنى باشتىن-ئاخىر ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.
يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى پۈتۈن ئۆلكىدە نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلىنىدۇ. كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، تەمىنات-سودا كوپېراتىپى قاتارلىقلارنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ يېڭىچە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى زورايتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ سۇ، توك، گاز، ئۇچۇر قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، زەرەتلەش قوزۇقى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، ئەۋەتىش-تەقسىملەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ