خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، زۇڭلى لى چياڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، 2023-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر
ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5.2 ئاشتى
ئاشلىق مەھسۇلات مىقتارى 1 تىرىليون 390 مىليارد جىڭغا يەتتى
شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون 440 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى
بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن باج، ھەق ئېتىبار سوممىسى 2 تىرىليون 200 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مىقدارىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتى %60 تىن ئاشتى
توكلۇق ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارىيە، فوتوۋولت مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ مەھسۇلات»نىڭ ئېكسپورتى %30 كە يېقىن ئاشتى
ئىككىنچى، بۇ يىلقى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان
ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ
شەھەر-بازارلاردا 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا بولىدۇ
ئاشلىق مەھسۇلاتى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشۇرۇلىدۇ
بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %2.5 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىلىدۇ
ئۈچىنچى، بۇ يىلقى قىسمەن نۇقتىلىق خىزمەتلەر
مالىيە: قىزىل رەقەم نىسبىتى %3 بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن ئاشۇرۇلىدۇ
ھۆكۈمەت سېلىنمىسى: 3 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغدىن 700 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
ئالاھىدە زايوم: بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇدا بىر نەچچە يىل دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم تارقىتىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇش ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ يىل ئالدى بىلەن 1 تىرىليون يۈەن تارقىتىلىدۇ
كەلگۈسىدىكى كەسىپلەر: كۋانت تېخنىكىسى، ھاياتلىق ئىلمى قاتارلىق يېڭى مۇسابىقە يوللىرى ئېچىلىدۇ
رەقەملىك ئىقتىساد: «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ
ئىستېمال: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال ئۇرغۇتۇلىدۇ
تۇرالغۇ: كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە تەمىناتىنى زورايتىپ، تاۋار ئۆيگە ئالاقىدار ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش: ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت-تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىدۇ. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى كاپالەت تەدبىرلىرى تۈرگە ئايرىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش: مەملىكەت بويىچە ئۈچ چوڭ ئاساسىي ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە كىرىم سۇغۇرتىسى سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. زەرەتلەش قوزۇقى، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، يەتكۈزۈپ بېرىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ
شەھەر-بازارلاشتۇرۇش: شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇلىدۇ. كونا مەھەللىلەردە لىفىت ئورنىتىش، ماشىنا توختىتىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
مائارىپ: ئاساسىي مائارىپتا ئەلالىرىنى كۆپەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى: ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 30 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ
ئىجتىمائىي كاپالەت: شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى 20 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدۇ. مەملىكەت بويىچە شەخسىي كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يەسلى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كۆپەيتىلىدۇ
ئېچىۋېتىش: ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تېلېگراف، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ بازار ئىجازىتى قويۇۋېتىلىدۇ. چەت ئەللىك خادىملارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت، ئۆگىنىش، ساياھەت قىلىش قولايلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ
مۇھىت ئاسراش: يېشىل تەرەققىياتقا مەدەت بېرىدىغان مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا سىياسىتى ۋە ئالاقىدار بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى