مۇھىم خەۋەرلەر

3-ئاينىڭ 31-كۈنى باشلىنىدۇ! شىنجاڭدا تور سىرتىدا مال سېتىۋالغاندا 7 كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇشقا بولىدۇ

2024.02.28 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئاپتونوم رايوننىڭ تور سىرتىدا مال سېتىۋېلىشتا سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش كۆرسەتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « كۆرسەتمە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، «كۆرسەتمىدە» تور سىرتىدا مال سېتىۋېلىشتا سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بېرىش ۋاقتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 7 كۈن بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى، تور سىرتىدىكى ئەمەلىي دۇكانلارنىڭ مال سېتىۋېلىشتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىتلىق سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى رىغبەتلەندۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوخشاش داڭلىق ماركىلىق زەنجىرسىمان كارخانىلارنىڭ باشقا جايدا ئوخشاش ماركىلىق زەنجىرسىمان دۇكانلاردا مال قايتۇرۇشنى قوللىشىغا ئىلھام بېرىلدى. «كۆرسەتمە» 2024-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل.

  «كۆرسەتمە»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تىجارەت قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تىجارەت شارائىتى ۋە تىجارەت قىلىدىغان تاۋارلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، سەۋەبسىز مال قايتۇرۇشتىكى كونكېرت تاۋارلار تۈرى دائىرىسى (بەلگىلىك ۋەكىللىكى ۋە قاپلاش دائىرىسىگە ئىگە بولۇشى)، مال قايتۇرۇش ۋاقىت چەكلىمىسى (ئەڭ تۆۋەن ۋاقىت چەكلىمىسى يەتتە كۈن ئىچىدە بولۇشى كېرەك، يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مال قايتۇرۇش شەرتى، پۇل قايتۇرۇش ۋاقىت چەكلىمىسى ۋە ئالاقىدار مال قايتۇرۇش تەرتىپى قاتارلىقلارنى بېكىتىشى كېرەك.

  سەۋەبسىز مال قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن تىجارەتچىلەر «سەۋەبسىز قايتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن ئورۇن»نىڭ بىر تۇتاش بەلگىسىنى ئاشكارىلىشى ھەمدە ۋەدە مەزمۇنى، سەۋەبسىز قايتۇرۇشقا تەتبىقلىنىدىغان تاۋارنىڭ تۈرى، دائىرىسى، قايتۇرۇش شەرتى، قايتۇرۇش تەرتىپى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىزاھات قاتارلىقلارنى چاپلاش، ئېسىش، قويۇش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تىجارەت سورۇنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئېنىق كۆرسىتىشى كېرەك. «كۆرسەتمە»دە تىجارەتچىلەردىن سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش ھېسابات دەپتىرى تۇتۇش تەلەپ قىلىندى، تىجارەتچىلەر سەۋەبسىز مال قايتۇرۇش كاپالەت پۇلى تەسىس قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى مال قايتۇرۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى.

  «كۆرسەتمە» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىستېمالچىلار ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبسىز قايتۇرۇشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى يەتكۈزۈپ بېرىش تۈرىدىكى تاۋار بولسا ئىستېمالچىلار تاۋارنى ئەمەلىي تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئۆزى ئېلىپ كېتىدىغان تاۋار بولسا، تىجارەتچى مال سېتىۋېلىش تالونى ياكى باشقا مال سېتىۋېلىش دوكۇمېنتى بەرگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئىستېمالچىلار قايتۇرغان تاۋارنىڭ ئەسلىدىكى سۈپىتى، ئىقتىدارى، تاۋارنىڭ ئۆزى، زاپچاسلىرى، تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسى تولۇق بولۇشى كېرەك. تاۋارنىڭ ئۆزى، زاپچاسلىرى، سوۋغات بۇيۇملىرى (ئەگەر بولسا)، رېمونت كاپالەت كارتىسى، چۈشەندۈرمىسى، تالونى (ئەگەر بولسا)، سىرتقى ئورالمىسى (ئەگەر بولسا) قاتارلىقلار تاۋار بىلەن بىللە قايتۇرۇلىدۇ.

  سەۋەبسىز مال قايتۇرۇشتا تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار ئورتاق ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ پۇل قايتۇرۇش ئۇسۇلىنى بېكىتىدۇ، ئەگەر كېلىشەلمىسە، تىجارەتچى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەسلىدىكى تۆلەش ئۇسۇلى بويىچە تاۋار پۇلىنى قايتۇرىدۇ. تىجارەتچىلەر ۋەدە قىلغان ۋاقىت ئىچىدە پۇلنى قايتۇرۇشى كېرەك. تاۋار قايتۇرۇشتىن پەيدا بولغان كىرا ھەققىنى ئىستېمالچىلار ئۈستىگە ئالىدۇ. تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمالچىلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

  سەۋەبسىز قايتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان ئىستېمال ماجىراسىدا ئىستېمالچىلار تەۋەلىكتىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تەشكىلاتىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ