مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوبزورى: «چىۋىندەك ئاچ كۆزلۈك، چۈمۈلىدەك چىرىكلىك»نى قاتتىق جازالاپ، «مىكرو چىرىكلىك»نىڭ تۇپرىقىنى يوقىتىش لازىم

2024.01.17 00:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مىكرو چىرىكلىك»مۇ «چوڭ ئاپەت» بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، «مىكرو چىرىكلىك»پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى غاجىلايدۇ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسىنى خورىتىۋېتىدۇ.

  «چىۋىندەك ئاچ كۆزلۈك، چۈمۈلىدەك چىرىكلىك» ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يۈز بېرىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە مەركەزلەشكەنلىكتىن، كىشىلەر ئۇنى «مىكرو چىرىكلىك» دەپ ئاتىغان. بىر تەرەپتىن، بۇ خىل چىرىكلىكنىڭ كۆپىنچىسى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق ساھەلەردە يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى غاجاۋاتىدۇ؛ بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ تاشقى ئىپادىسى خىيانەتچىلىك، ئىگىلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىش، يالغان مەلۇم قىلىش، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، يېيىش، ئېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق بىرقەدەر يوشۇرۇن شەكىللەردە بولۇپ، ئاسان، كۆپ يۈز بېرىپلا قالماستىن، يەنە بىرقەدەر جاھىل بولۇپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى چىرىتىدۇ. «مىكرو چىرىكلىك» قارىماققا ناھايىتى كىچىكتەك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ جۇغلىنىپ كېڭىيىشىدىن پەيدا بولغان ناچار ئاقىۋەتكە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئاسانلا «تېخىمۇ زور چىرىكلىك» يوشۇرۇن خەۋپىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

  «مىكرو چىرىكلىك»نىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقىتىشتا، ھەم تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تۇتۇش، ھەم ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن چىرىكلىكنى ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھوقۇقنى نازارەت قىلىشنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا، دائىم تۇتۇپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى تۈزۈم قۇرۇلۇشى، پاكلىق تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشتىن باشلاپ ئېھتىياتچان بولۇپ، كىچىك ئىشلاردا ئېھتىياتچان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى سەگەك تۇتۇپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدۇ.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتا جازادىن خالىي رايون بولمايدۇ. چاقماق تېزلىكىدە ۋاسىتە قوللىنىپ، ھوقۇقتىكى مىكرو چىرىكلىكنى جازالاپ، قاتتىق ھوقۇق بىلەن نازارەت قىلىپ، «چىۋىندەك ئاچ كۆزلۈك، چۈمۈلىدەك چىرىكلىك»نى يوشۇرىدىغان جاي قالدۇرماي، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ