مۇھىم خەۋەرلەر

«ئوڭدا يېتىش»نى تۈزەشتە، يىلتىزى ۋە تۇپراقنى يوقىتىش لازىم

2024.01.17 00:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرى سەنشۈي رايونى نەنشەن بازىرى «نەنشەن بازىرىنىڭ 2023-يىللىق ئوڭدا ياتقان خادىملار تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. نەنشەن بازارلىق ھۆكۈمەت ئىنكاس قايتۇرۇپ: «<ئوڭدا ياتقان خادىملار>نى ئاشكارىلاش ئۇلارنى <بىر كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇش> ئەمەس، بەلكى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارنى ھەرىكەتكە كېلىشكە قىستاش» دېدى.

  ياخشى روھىي ھالەت بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە «ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ» دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئىدىيەۋى قاراشنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ، ساپا جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر ئېقىمىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تىرىشىپ كەسىپ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، بارلىق مۇتەئەسسىپ تەپەككۇر، كونا ئىدىيە، كونا ئۇسۇل، كونا چارىدىن ئىبارەت ھۇرۇنلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاشقا يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمايدىغان، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، ئىلگىرىلەشنى ئويلىمايدىغان بارلىق ئوڭدا يېتىش ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  كادىرلار ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشى لازىم. رېئاللىقتا، ئايرىم كىشىلەر ئالغا ئىنتىلمەيدۇ، ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ، خىزمەتكە نىسبەتەن قىزغىنلىقى كەمچىل، ئاممىغا نىسبەتەن ھېسسىياتى كەمچىل، خىزمەتكە ئەپلەپ-سەپلەپ تاقابىل تۇرىدۇ، ۋەزىپە كەلسە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بۇنداق كادىرلار «ئوڭدا ياتقان كادىرلار» دەپ ئاتىلىدۇ. تور ئەھلى «ئوڭدا ياتقان كادىرلار»نى سۈپەتلەپ: «يەڭنى تۈرۈپ بىر چەتتە قاراپ تۇرىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كەلسە ئانچە-مۇنچە ئىشلەپ قويىدۇ، ئاممىنى كۆرسە چىرايى سەتلىشىدۇ، قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلسە سىرتقا يوللاپ بېرىدۇ» دېگەن.

  «ئوڭدا ياتقان كادىرلار»غا قاتتىق تىگىش قىلىش كېرەك. كادىرلارنىڭ «ئوڭدا يېتىشى»نى تۈزەشتە، تۈرلۈك نامۇۋاپىق باھالاش تەلىپى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى، شۇنىڭدەك «خىزمەتكە قۇبۇل قىلىش، خىزمەتتىن بوشاتماسلىق»، «ئۆستۈرۈش كۆپ بولۇش، ئەمىلىنى تۆۋەنلىتىش ئاز بولۇش» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. باھالاش مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈش، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىماسلىق، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا ماھىر بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك.

  يېڭى نەتىجە يارىتىشتا، جان تىكىپ ئىشلەشكە، كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «ئوڭدا ياتقان كادىرلار»نى تۈزەشتىكى مەقسەت كادىرلارنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن جەمئىيەتكە ئەمگەك ئارقىلىق بايلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ نەتىجە يارىتىش، كۈرەش قىلىپ بەخت يارىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى يەتكۈزۈش. «ئوڭدا ياتقان كادىرلار»نىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تۇپرىقىنى يوقىتىش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارنىڭ جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇش روھىي ھالىتى ۋە «ھەر ۋاقىت خاتىرجەم بولالماسلىق» مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ساقلاپ، ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش جاسارىتى، غەيرىتىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئويلاشقا، ئىشلەشكە، ئۈستىگە ئېلىشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ